1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2«گەپلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن «تەسەللىلىرىڭلار»نىڭ ئورنىدا بولسۇن!
3سۆز قىلىشىمغا يول قويساڭلار؛ سۆز قىلغىنىمدىن كېيىن، يەنە مازاق قىلىۋېرىڭلار!
4مېنىڭ شىكايىتىم بولسا، ئىنسانغا قارىتىلىۋاتامدۇ؟ روھىم قانداقمۇ بىتاقەت بولمىسۇن؟
5ماڭا ئوبدان قاراڭلارچۇ؟ سىلەر چوقۇم ھەيران قالىسىلەر، قولۇڭلار بىلەن ئاغزىڭلارنى ئېتىۋالىسىلەر.
6مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلانساملا، ۋەھىمىگە چۆمىمەن، پۈتۈن ئەتلىرىمنى تىترەك باسىدۇ.
7نېمىشقا يامانلار ياشىۋېرىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ھەتتا زور كۈچ-ھوقۇقلۇق بولىدۇ؟
8ئۇلارنىڭ نەسلى ئۆز ئالدىدا، پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىدا مەزمۇت ئۆسىدۇ،
9ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋەھىمىدىن ئامان تۇرىدۇ، تەڭرىنىڭ تايىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگمەيدۇ.
10ئۇلارنىڭ كالىلىرى جۈپلەنسە ئۇرۇقلىماي قالمايدۇ، ئىنىكى موزايلايدۇ، موزىيىنىمۇ تاشلىمايدۇ.
11رەزىللەر كىچىك بالىلىرىنى قوي پادىسىدەك تالاغا چىقىرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تاقلاپ-سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ يۈرىدۇ.
12ئۇلار داپ ھەم چىلتارغا تەڭكەش قىلىدۇ، ئۇلار نەينىڭ ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ.
13ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
14ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول، بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» ــ دەيدۇ،
15ــ «ھەممىگە قادىرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنىڭ ئەرزىگۈدەك نەرى باردۇ؟ ئۇنىڭغا دۇئا قىلساق بىزگە نېمە پايدا بولسۇن؟!».
16قاراڭلار، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەسمۇ؟ بىراق يامانلارنىڭ نەسىھىتى مەندىن نېرى بولسۇن!
17يامانلارنىڭ چىرىغى قانچە قېتىم ئۆچىدۇ؟ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە لايىق كۈلپەت باسامدۇ؟ خۇدا غەزىپىدىن ئۇلارغا دەردلەرنى بۆلۈپ بېرەمدۇ؟
18ئۇلار شامال ئالدىدىكى ئېڭىزغا ئوخشاش، قارا قۇيۇن ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان پاخالغا ئوخشاشلا يوقامدۇ؟
19تەڭرى ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى بالىلىرىغا چۈشۈرۈشكە قالدۇرامدۇ؟ خۇدا بۇ جازانى ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنى تېتىسۇن!
20ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن؛ ئۆزى ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى تېتىسۇن!
21چۈنكى ئۇنىڭ بېكىتىلگەن يىل-ئايلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ قانداقمۇ يەنە ئۆز ئۆيدىكىلىرىدىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئالالىسۇن؟
22تەڭرى كاتتىلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟!
23بىرسى ساق-سالامەت، پۈتۈنلەي غەم-ئەندىشسىز، ئازادىلىكتە يىللىرى توشقاندا ئۆلىدۇ؛
24بېقىنلىرى سۈت بىلەن سېمىز بولىدۇ، ئۇستىخانلىرىنىڭ يىلىكى خېلى نەم تۇرىدۇ.
25يەنە بىرسى بولسا ئاچچىق ئارماندا تۈگەپ كېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقانداق راھەت-پاراغەت كۆرمىگەن.
26ئۇلار بىلەن بىللە توپا-چاڭدا تەڭ ياتىدۇ، قۇرۇتلار ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.
27ــ مانا، سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭلارنى، مېنى قارىلاش نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن.
28چۈنكى سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟ رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر.
29سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇ بايانلىرىغا كۆڭۈل قويمىدىڭلارمۇ؟
30دېمەك، «يامان ئادەم پالاكەت كۈنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار غەزەپ كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!» ــ دەيدۇ.
31كىم رەزىلنىڭ تۇتقان يولىنى يۈز تۇرانە ئەيىبلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى يېگۈزىدۇ؟
32ئەكسىچە، ئۇ ھەيۋەت بىلەن يەرلىكىگە كۆتۈرۈپ مېڭىلىدۇ، ئۇنىڭ قەبرىسى كۆزەت ئاستىدا تۇرىدۇ.
33جىلغىنىڭ چالمىلىرى ئۇنىڭغا تاتلىق بىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ سانسىز ئادەملەر كەتكەندەك، ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ بارلىق ئادەملەر ئەگىشىپ بارىدۇ.
34سىلەر نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بەرمەكچى؟ سىلەرنىڭ جاۋابلىرىڭلاردا پەقەت ساختىلىقلا تېپىلىدۇ!