1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر! ئۆلسەڭلار ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىدۇ!
3مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار، ئەقىلدە سىلەردىن قالمايمەن؛ بۇنچىلىك ئىشلارنى كىم بىلمەيدۇ؟!
4مەن ئۆز دوستلىرىمغا مازاق ئوبيېكتى بولدۇم؛ مەندەك تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، دۇئاسى ئىجابەت بولغان كىشى، ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم مازاق قىلىندى!
5راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆڭلىدە ھەرقانداق كۈلپەتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇلار: «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ.
6قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛ تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلار ئامان تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ.
7ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق، ئۇلار ساڭا ئۆگىتىدۇ، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ ساڭا دەيدۇ؛
8ۋە ياكى يەر-زېمىنغا گەپ قىلساڭچۇ، ئۇمۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار ساڭا سۆز قىلىدۇ.
9بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟
10بارلىق جان ئىگىلىرى، بارلىق ئەت ئىگىلىرى، جۈملىدىن بارلىق ئىنساننىڭ نەپىسى ئۇنىڭ قولىدىدۇر.
11ئېغىزدا تائامنى تېتىغاندەك، قۇلاقمۇ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى سىناپ باقىدۇ ئەمەسمۇ؟
12ياشانغانلاردا دانالىق راست تېپىلامدۇ؟ كۈنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن يورۇتۇلۇش كېلەمدۇ؟
13ئۇنىڭدىلا دانالىق ھەم قۇدرەت بار؛ ئۇنىڭدىلا يوليورۇق ھەم يورۇتۇش باردۇر.
14مانا، ئۇ خاراب قىلسا، ھېچكىم قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايدۇ؛ ئۇ قاماپ قويغان ئادەمنى ھېچكىم قويۇۋېتەلمەيدۇ.
15مانا، ئۇ سۇلارنى توختىتىۋالسا، سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلار يەر-زېمىننى بېسىپ ۋەيران قىلىدۇ.
16ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛ ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر.
17ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ، سوراقچىلارنى رەسۋا قىلىدۇ.
18ئۇ پادىشاھلار ئەل-ئەھلىگە سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ، ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، چاتراقلىرىنى لاتا بىلەنلا قالدۇرۇپ شەرمەندە قىلىدۇ.
19ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاياغ ماڭدۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇ كۈچ-ھوقۇقدارلارنى ئاغدۇرىدۇ.
20ئۇ ئىشەنچلىك قارالغان زاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ؛ ئاقساقاللارنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
21ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ، ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ.
22ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى چوڭقۇر سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى يورۇتىدۇ.
23ئۇ ئەل-يۇرتلارنى ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ ھەم ئاندىن ئۇلارنى گۇمران قىلىدۇ؛ ئەل-يۇرتلارنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنى تارقىتىدۇ.
24ئۇ زېمىندىكى ئەل-جامائەتنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى يولسىز دەشت-باياۋاندا سەرسان قىلىپ ئازدۇرىدۇ.
25ئۇلار نۇرسىزلاندۇرۇلۇپ قاراڭغۇلۇقتا يولنى سىلاشتۇرىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مەس بولۇپ قالغان كىشىدەك گالدى-گۇلدۇڭ ماڭدۇرىدۇ.