Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ــ «بىراق ھازىر بولسا، ياشلار مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ھەتتا پادامنى باقىدىغان ئىتلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە يول قويۇشنىمۇ يامان كۆرەتتىم.
2ئۇلارنىڭ ماغدۇرى كەتكەندىن كېيىن، قولىدىكى كۈچ ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلىسۇن؟
3يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ.
4ئۇلار ئەمەن‫‪‎-‎‬‬شىۋاقنى چاتقاللار ئارىسىدىن يۇلىدۇ، شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنىمۇ تېرىپ ئۆزلىرىگە نان قىلىدۇ.
5ئۇلار ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئوغرىنى كۆرگەندەك ۋارقىراپ تىللايدۇ.
6شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرلۈك جىلغىلاردا قونۇپ، تاشلار ئارىسىدا، غارلار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
7چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇلار ھاڭراپ كېتىدۇ، تىكەنلەر ئاستىدا ئۇلار دۈگدىيىپ ئولتۇرىشىدۇ؛
8نادانلارنىڭ، نام‫‪‎-‎‬‬ئابرۇيىسىزلارنىڭ بالىلىرى، ئۇلار زېمىندىن سۈرتوقاي ھەيدىۋېتىلگەن.
9مەن ھازىر بولسام بۇلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى، ھەتتا سۆز‫‪‎-‎‬‬چۆچىكىنىڭ دەستىكى بولۇپ قالدىم!
10ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ، مەندىن يىراق تۇرۇپ، يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ.
11چۈنكى خۇدا مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن.
12ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلار پۇتۇمنى تۇرغان يېرىدىن ئىتتىرىۋەتمەكچى، ئۇلار سېپىلىمغا ھۇجۇم پەلەمپەيلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛
13ئۇلار يولۇمنى بۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ يۆلەنچۈكى بولمىسىمۇ، ھالاكىتىمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
14ئۇلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ؛ ۋەيرانىلىكىمدىن پايدىلىنىپ چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ.
15ۋەھىمىلەر بۇرۇلۇپ مېنى ئۆز نىشانى قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ھۆرمىتىم شامال ئۆتۈپ يوق بولغاندەك ھەيدىۋېتىلدى، ئاۋاتچىلىقىممۇ بۇلۇت ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتتى.
16ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛ ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى.
17كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛ ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ.
18ئاغرىقلار زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچىكىمدەك بولدى؛ ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى.

19خۇدا مېنى سازلىققا تاشلىۋەتكەن، مەن توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭغا ۋە كۈلگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم.
20مەن ساڭا نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرمەكتىمەن، بىراق سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن؛ مەن ئورنۇمدىن تۇرسام، سەن پەقەتلا ماڭا قاراپلا قويىسەن.
21سەن ئۆزگىرىپ ماڭا بىر زالىم بولدۇڭ؛ قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن ماڭا زەربە قىلىۋاتىسەن؛
22سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ بوران‫‪‎-‎‬‬چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن.
23چۈنكى سەن مېنى ئاخىرىدا ئۆلۈمگە، يەنى بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ «يىغىلىش ئۆيى»گە كەلتۈرۈۋاتىسەن.
24ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرسىمۇ، ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق؛
25مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ دۇئا قىلغان ئەمەسمۇ؟ نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟  
26مەن ئۆزۈم ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرگىنىم بىلەن، يامانلىق كېلىپ قالدى؛ نۇر كۈتكىنىم بىلەن، قاراڭغۇلۇق كەلدى.
27ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى.
28مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛ خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرىمەن.
29مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم.  
30تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ، سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ.
31چىلتارىمدىن ماتەم مەرسىيىسى چىقىدۇ، نېيىمنىڭ ئاۋازى ھازا تۇتقۇچىلارنىڭ يىغىسىغا ئايلىنىپ قالدى».