Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مېنىڭ روھىم سۇنۇق، كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ، گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە.
2ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟ كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر.
3ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛ سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟  
4چۈنكى سەن دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن!
5غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا، ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ.
6ئۇ مېنى ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز‫‪‎-‎‬‬چۆچەككە قويدى؛ مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم.
7دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى، بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى.
8بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛ بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ.
9بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ.
10ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛ ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن.
11كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ، مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى.
12بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ‫‪:‬‬ «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ.
13ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛ مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن.
14«چىرىپ كېتىشنى‫‪:‬‬ «سەن مېنىڭ ئاتام!»، قۇرتلارنى‫‪:‬‬ «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن!
15ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟ شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟
16ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز!