1تېمانلىق ئېلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2دانىشمەن كىشىنىڭ قۇرۇق شامالدەك سەپسەتە بىلەن جاۋاب بېرىشى توغرىمۇ؟ دانىشمەن قورسىقىنى ئىسسىق مەشرىق شامىلى بىلەن تويغۇزسا بولامدۇ؟
3پايدىسىز سۆزلەر بىلەن، تايىنى يوق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشى مۇۋاپىقمۇ؟
4بەرھەق، سەن ئىمان-ئىخلاسنى يوق قىلىۋەتمەكچىسەن، خۇدانىڭ ئالدىدا دۇئا-ئىستىقامەتكە توسالغۇ بولىسەن.
5چۈنكى قەبىھلىكىڭ ئاغزىڭغا سۆز سالىدۇ، سەن مەككارلارنىڭ تىلىنى تاللاپ قوللىنىسەن.
6مەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاغزىڭ ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىڭنى بېكىتىدۇ، ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
7سەن ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغانمۇ؟ سەن تاغ-داۋانلاردىن ئاۋۋال ئاپىرىدە بولغانمۇ؟
8تەڭرىنىڭ مەخپىي كېڭىشىنى ئاڭلاپ كەلگەنمۇسەن؟ دانالىق سەن بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟
9سەن بىلگەنلەرنى بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز بارمۇ؟ سەن چۈشەنگەننى بىزنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىمىز بارمۇ؟
10ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ ياشتا چوڭدۇر.
11تەڭرىنىڭ تەسەللىلىرى، يەنى ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان مۇشۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئازلىق قىلامدۇ؟
12نېمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىسەن؟ كۆزۈڭنى نېمىگە پارقىرىتىسەن؟
13شۇنداق قىلىپ سەن روھىڭنى تەڭرىگە قارشى تۇرغۇزدۇڭ، ئېغىزىڭدىن شۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇۋاتىسەن!
14ئىنسان نېمە ئىدى؟ ئۆز-ئۆزىنى پاكلىيالىغۇدەك؟ ئانىدىن تۇغۇلغان ئادەم بالىسى نېمە ئىدى؟ ھەققانىي بولالىغۇدەك؟
15قارا، خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە، ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە،
16يىرگىنىشلىك بولغان، سېسىپ كەتكەن، قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىدىغان ئىنسان بالىسى زادى قانداق بولار؟
17مەن ساڭا كۆرسىتەي، ماڭا قۇلاق سال؛ كۆزۈم كۆرگەننى بايان قىلماقچىمەن.
18دانىشمەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇلارنى ئاڭلىغان، يوشۇرماي بۇلارنى بايان قىلغان: ــ
19(پەقەت شۇلارغىلا، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى)
20ــ رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر.
21ئۇنىڭ قۇلىقىغا ۋەھىمىلەرنىڭ ئاۋازى كىرىدۇ، باياشاتلىقىدا بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئۇستىگە بېسىپ چۈشىدۇ.
22قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ، ئۇ قىلىچ بىلەن چېپىلىشقا ساقلانغاندۇر.
23ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ، ئۇ زۇلمەت كۈنىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدۇ.
24دەرد-ئەلەم ھەم ئازاب ئۇنىڭغا ۋەھىمە قىلىدۇ، ھۇجۇمغا تەييار بولغان پادىشاھتەك ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.
25چۈنكى ئۇ تەڭرىگە قارشى قولىنى كۆتۈرگەن، ھەممىگە قادىرغا كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغان،
26شۇڭا ئۇ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، كۆپ قەۋەتلىك قالقاننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ.
27يۈزىنى ياغ باسقان بولسىمۇ، بېقىنلىرى سەمرەپ كەتكەن بولسىمۇ،
28ئۇ خارابە شەھەرلەردە، ئادەم قونغۇسى كەلمەيدىغان، كېسەك دۈۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ؛
29ئۇ ھېچ بېيىمايدۇ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بولسا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتلىرى زېمىن ئۈستىدە كېڭەيمەيدۇ.
30ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، يالقۇن ئۇنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ قۇرۇتىدۇ، خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
31ئۇ ساختىلىققا تايانمىسۇن! ئۇ ئالدىنىپ كەتكەن، شۇڭا ساختىلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛
32ئۇنىڭ كۈنى تېخى توشماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ شېخى تېخى كۆكىرىپ بولمايلا، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
33ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك، زەيتۇن دەرىخىنىڭ چېچىكى ئېچىلىپلا تۆكۈلۈپ كەتكەندەك بولىدۇ.
34چۈنكى ئىپلاسلارنىڭ جەمەتى تۇغماس بولىدۇ، ئوت پارا يېگەنلەرنىڭ چېدىرلىرىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ.
35بىراق ئۇلار ھەردائىم يامانلىقنى ئويلاپ، قەبىھلىك تۇغدۇرىدۇ، كۆڭلىدە ھامان ھىيلە-مىكىر تەييارلايدۇ.