1ئاندىن ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2مەن مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن؛ سىلەر ھەممىڭلار ئازاب يەتكۈزىدىغان ئاجايىب تەسەللى بەرگۈچى ئىكەنسىلەر-ھە!
3مۇنداق ۋاتىلداپ قىلغان گەپلىرىڭلارنىڭ چېكى بارمۇ؟ سىلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىشكە زادى نېمە قۇتراتقۇلۇق قىلدى؟
4خالىساملا ئۆزۈم سىلەرگە ئوخشاش سۆز قىلالايتتىم؛ سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولىدىغان بولساڭلار، مەنمۇ سۆزلەرنى باغلاشتۇرۇپ ئېيتىپ، سىلەرگە زەربە قىلالايتىم، بېشىمنىمۇ سىلەرگە قارىتىپ چايقىيالايتتىم!
5ھالبۇكى، مەن ئەكسىچە ئاغزىم بىلەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرەتتىم، لەۋلىرىمنىڭ تەسەللىسى سىلەرگە دورا-دەرمان بولاتتى.
6لېكىن مېنىڭ سۆزلىشىم بىلەن ئازابىم ئازايمايدۇ؛ ياكى گېپىمنى ئىچىمگە يۇتۇۋالىساممۇ، ماڭا نېمە ئارامچىلىق بولسۇن؟
7بىراق ئۇ مېنى ھالسىزلاندۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق، سەن پۈتكۈل ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋەتتىڭ!
8سەن مېنى قاماللىدىڭ! شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالىم ماڭا گۇۋاھلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ ئورۇق-قاقشال بەدىنىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق قىلىدۇ!
9ئۇنىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلىپ، مېنى ئوۋ ئولجىسى قىلىدۇ؛ ئۇ ماڭا قاراپ چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ؛ مېنىڭ دۈشمىنىمدەك كۆزىنى ئالايىتىپ ماڭا تىكىدۇ.
10ئادەملەر ماڭا قاراپ مازاق قىلىشىپ ئاغزىنى ئاچىدۇ؛ ئۇلار نەپرەت بىلەن مەڭزىمگە كاچاتلايدۇ؛ ماڭا ھۇجۇم قىلاي دەپ سەپ تۈزىدۇ.
11خۇدا مېنى ئەسكىلەرگە تاپشۇرغان؛ مېنى رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلىۋەتكەنىكەن.
12ئەسلىدە مەن تىنچ-ئامانلىقتا تۇراتتىم، بىراق ئۇ مېنى پاچاقلىدى؛ ئۇ بوينۇمدىن سىلكىپ بىتچىت قىلىۋەتتى، مېنى ئۆز نىشانى قىلغانىكەن.
13ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى قاپسىۋالدى؛ ھېچ ئايىماي ئۇ ئۈچەي-باغرىمنى يىرتىپ، ئۆتۈمنى يەرگە تۆكۈۋەتتى.
14ئۇ ئۇ يەر-بۇ يېرىمگە ئۈستى-ئۈستىلەپ زەخىم قىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ؛ ئۇ پالۋاندەك ماڭا قاراپ ئېتىلىدۇ.
15تېرەمنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت تىكىپ قويدۇم؛ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم.
17گەرچە قولۇمدا ھېچقانداق زوراۋانلىق بولمىسىمۇ، دۇئايىم چىن دىلىمدىن بولغان بولسىمۇ، يۈزۈم يىغا-زارىدىن قىزىرىپ كەتتى؛ قاپاقلىرىمنى ئۆلۈم سايىسى باستى.
18ئاھ، يەر-زېمىن، قېنىمنى ياپمىغىن! نالە-پەريادىم توختايدىغانغا جاي بولمىغاي!
19بىراق مانا، ئاسمانلاردا ھازىرمۇ ماڭا شاھىت بولغۇچى بار! ئەرشلەردە ماڭا كاپالەت بولغۇچى بار!
20ئۆز دوستلىرىم مېنى مازاق قىلغىنى بىلەن، بىراق كۆزۈم تېخىچە تەڭرىگە ياش تۆكمەكتە.
21ئاھ، ئىنسان بالىسى دوستى ئۈچۈن كېلىشتۈرگۈچى بولغاندەك، تەڭرى بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى!
22چۈنكى يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈشى بىلەنلا، مەن بارسا قايتماس يولدا مېڭىپ قالىمەن.