Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئايۇپ بىلدادقا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
2«ماغدۇرسىز كىشىگە قالتىس ياردەملەرنى بېرىۋەتتىڭ! بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى كارامەت قۇتقۇزۇۋەتتىڭ!
3ئەقلى يوق كىشىگە قالتىس نەسىھەتلەرنى قىلىۋەتتىڭ! ۋە ئۇنىڭغا ئالامەت بىلىملەرنى نامايان قىلىۋەتتىڭ!
4سەن زادى كىمنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلدىڭ؟ سەندىن چىقىۋاتقىنى كىمنىڭ روھى؟
5ــ «ئەرۋاھلار، يەنى سۇ ئاستىدىكىلەر، شۇنداقلا ئۇ يەردە بارلىق تۇرۇۋاتقانلار تولغىنىپ كېتىدۇ؛
6بەرھەق، خۇدانىڭ ئالدىدا تەھتىسارامۇ يېپىنچىسىز كۆرۈنىدۇ، ھالاكەتنىڭمۇ ياپقۇچى يوقتۇر.
7ئۇ يەرنىڭ شىمالىي قۇتۇپىنى ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان، ئۇ يەر شارىنى بوشلۇق ئىچىدە مۇئەللەق قىلغان؛  
8ئۇ سۇلارنى قويۇق بۇلۇتلىرى ئىچىگە يىغىدۇ، بۇلۇت ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەنمۇ يىرتىلىپ كەتمەيدۇ.
9ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ، ئۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئۇنى توسىدۇ.  
10ئۇ سۇلارنىڭ ئۈستىگە چەمبەر سىزىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن.  
11ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى تەۋرەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاڭلاپلا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.
12ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ؛ ئۆز ھېكمىتى بىلەن راھابنى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىپ يانجىۋېتىدۇ.  
13ئۇنىڭ روھى بىلەن ئاسمانلار بېزەلگەن، ئۇنىڭ قولى تېز قاچقان ئەجدىھانى سانجىيدۇ.   
14مانا، بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس؛ ئۇنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىدىن ئاڭلاۋاتقىنىمىز ناھايىتى پەس بىر شىۋىرلاش، خالاس! ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!».