Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 39

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سەن تاغدىكى ياۋا ئۆچكىلەرنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ جەرەنلەرنىڭ بالىلىغانلىقىنى كۆزىتىپ باققانمۇسەن؟
2ئۇلارنىڭ بوغاز بولغىلى نەچچە ئاي بولغانلىقىنى سانىيالامسەن؟ ئۇلارنىڭ بالىلايدىغان ۋاقتىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟
3ئۇلار قەددىنى پۈكۈپ، يېتىپ بالىلىرىنى تۇغىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تولغاقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ؛
4ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۈچلىنىپ يېتىلىدۇ، ئۇلار دالادا ئۆسۈپ، ئانىسىنىڭ يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ.
5ياۋا ئېشەكنى دالاغا قويۇۋېتىپ ئەركىنلىككە چىقارغان كىم؟ شاش ئېشەكنىڭ نوختىلىرىنى يېشىۋەتكەن كىم؟
6چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاننى ئۇنىڭ ئۆيى قىلغانمەن، شورلۇقنىمۇ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى قىلغانمەن.
7ئۇ شەھەرنىڭ قىيقاس‫‪‎-‎‬‬سۈرەنلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى مازاق قىلىدۇ؛ ئۇ ئېشەكچىنىڭ ۋارقىرىشىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ.
8ئۇ تاغلارنى ئۆز يايلىقىم دەپ كېزىدۇ، شۇ يەردىكى ھەممە گۈل‫‪‎-‎‬‬گىياھنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.
9ياۋا كالا بولسا خىزمىتىڭگە كىرىشكە رازى بولامدۇ؟ سېنىڭ ئوقۇرۇڭنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ئۇنامدۇ؟
10ياۋا كالىنى تانا بىلەن باغلاپ، تاپقا چۈشۈرەلەمسەن؟! ئۇ ساڭا ئەگىشىپ جىلغىلاردا مېڭىپ تىرنا تارتامدۇ؟
11ئۇنىڭ كۈچى زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايىنامسەن؟ ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلامسەن؟
12دانلىرىڭنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرامسەن؟ «دانلىرىمنى خامىنىمغا يىغىشتۇرىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنەمسەن؟
13تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ، بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟
14ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تاشلاپ قويىدۇ، تۇخۇملىرىم توپىدا ئىسسىتىلسۇن، دەيدۇ.
15ئۇلارنىڭ تاسادىپىي دەسسىلىپ يانجىلىدىغانلىقىنى، دالىدىكى بىرەر ھايۋاننىڭ ئاسانلا ئۇلارنى دەسسەپ‫‪‎-‎‬‬چەيلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.
16بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ، بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ.
17چۈنكى تەڭرى ئۇنى كەم ئەقىل قىلغان، ئۇنىڭغا دانالىقنى بەرمىگەن.
18ھالبۇكى، ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە، ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ.

19سەن ئاتقا كۈچ بېغىشلىغانمىدىڭ؟ سەن ئۇنىڭ بوينىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلىنى كىيگۈزگەنمىدىڭ؟
20سەن ئۇنى ھەيۋەتلىك پۇرقۇشلىرى بىلەن ئادەمنى قورقۇتىدىغان، چېكەتكىدەك سەكرەيدىغان قىلالامسەن؟
21ئۇ ئەشەددىيلىك بىلەن يەر تاتىلاپ‫‪‎-‎‬‬زوخچۇپ، ئۆز كۈچىدىن شادلىنىپ كېتىدۇ، قوراللىق قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ.
22ئۇ قورقۇنچقا نىسبەتەن كۈلۈپلا قويىدۇ، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ؛ قىلىچنىڭ بىسىدىن ئۇ يانمايدۇ.
23ئوقدان، جۇلالىق نەيزە، گۆرزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا شاراقشىيدۇ،
24ئۇ يەرنى ئاچچىق ھەم غەزەپ بىلەن يۇتۇۋېتىدۇ، جەڭ كانايىنى بىر ئاڭلاپلا ھاياجانلىنىپ قىن‫‪‎-‎‬‬قىنىغا پاتماي كېتىدۇ.
25كانايلارنىڭ ئاۋازى بىلەنلا ئۇ‫‪:‬‬ «ئايھاي!» دەيدۇ، ئۇ جەڭنى يىراقتىن پۇراپ بولىدۇ. ئۇ سەركەردىلەرنىڭ توۋلاشلىرىنى، جەڭچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايدۇ.
26سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ، قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟
27بۈركۈت بۇيرۇقۇڭ بىلەن يۇقىرىغا پەرۋاز قىلىپ كۆتۈرۈلەمدۇ، ئۇۋىسىنى يۇقىرىغا سالامدۇ؟
28ئۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ماكانلىشىدۇ، ئۇ تاغنىڭ چوققىسىغا قونىدۇ، تىك قىيانىمۇ تۇرالغۇسى قىلىدۇ.
29شۇ يەردىن ئۇ ئوۋنى پايلاپ بايقىۋالىدۇ، كۆزلىرى يىراق‫‪‎-‎‬‬يىراقلارنى كۆزىتىدۇ.
30ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ».