Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر سوراق كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار كۈتىدۇ؟
2مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛ ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ‫‪‎-‎‬‬تالاپ ئۆزلىرى ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬ئاشكارا باقىدۇ؛  
3ئۇلار يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ.
4ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ.
5مانا، ئۇلار دەشت‫‪‎-‎‬‬باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ.
6ئۇلار ياماننىڭ كالىلىرى ئۈچۈن دالادا ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان‫‪‎-‎‬‬تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛
7ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ، سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر.
8ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ، پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ.
9ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلار مىسكىنلەردىن بوۋاقلارنى كېپىللىككە ئالىدۇ.
10مىسكىنلەر بولسا كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ، باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛
11ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ، ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ.
12شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ.
13ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ.
14قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ.  
15زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ، باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ.
16قاراڭغۇلۇقتا ئوغرىلار ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛ كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛ ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ.
17ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇلار قاپ‫‪‎-‎‬‬قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ.
18ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن! ئۇلارنىڭ يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى، شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن!

19قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن!
20ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن! قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن!؛ شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن!
21ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ، ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ.
22بىراق خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ‫‪‎-‎‬‬ھوقۇقى بارلارنىڭ كۈنىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.
23خۇدا يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟
24ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ.
25بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟».