Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن تېمانلىق ئېلىفاز مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
2ئادەم خۇداغا قانداقمۇ پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ دانا ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا نېمە پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟
3سەن ھەققانىي بولساڭمۇ، ھەممىگە قادىرغا نېمە بەھرە بېرەلەيتتىڭ؟ يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟
4ئۇنىڭ سېنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭ ساڭا شىكايەتلەر يەتكۈزىدىغىنى سېنىڭ ئىخلاسمەن بولغىنىڭ ئۈچۈنمۇ‫‪‎-‎‬‬يا؟
5سېنىڭ رەزىللىكىڭ زور ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ھېسابسىز ئەمەسمۇ؟
6سەن قېرىنداشلىرىڭدىن سەۋەبسىز كېپىللىك ئالغانسەن؛ سەن يالاڭتۈشلەرنى كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەنسەن.
7ھالسىزلانغانلارغا سۇ بەرمىدىڭ، ئاچ قالغانلارغا ئاشنىمۇ ئاياپ بەرمىدىڭ،
8گەرچە سەن يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىنلىك بولغان قولى ئۇزۇن ئادەم بولساڭمۇ، يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن تۇتۇپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن ئادەم بولساڭمۇ،
9سەن تۇل خوتۇنلارنىمۇ قۇرۇق قول ياندۇرغانسەن، يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن.
10مانا شۇ سەۋەبتىن ئەتراپىڭدا تۇزاقلار ياتىدۇ، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋەھىمىمۇ سېنى باسىدۇ.
11شۇ سەۋەبتىنمۇ سېنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كۆرەلمەس قىلدى، بىر كەلكۈن كېلىپ سېنى غەرق قىلدى.
12تەڭرى ئەرشئالانىڭ چوققىسىدا تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەڭ ئېگىز يۇلتۇزلارنىڭ نەقەدەر ئالىي ئىكەنلىكىگە قاراپ باق!
13بىراق سەن‫‪:‬‬ «تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ؟ ئۇ راست شۇنچە زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا بىرنېمىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟!» دەۋاتىسەن.
14يەنە‫‪:‬‬ «قويۇق بۇلۇتلار ئۇنى توسىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇ پەلەك ئۈستىدە ئايلىنىپ ماڭغىنىدا بىزنى كۆرمەيدۇ!» ــ دەيسەن.
15يامان ئادەملەر ماڭغان كونا يولنى سەنمۇ تۇتىۋېرەمسەن؟
16ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئېلىپ كېتىلگەن، ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن.
17ئۇلار تەڭرىگە‫‪:‬‬ «بىزدىن نېرى بول!» ھەممىگە قادىر بىزنى نېمە قىلالىسۇن؟» ــ دەيتتى.
18بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، مەن بولسام يامانلارنىڭ نەسىھىتىدىن يىراقلاشقانمەن!  

19ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ بەربات بولغانلىقىنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ بىگۇناھلار ئۇلارنى مازاق قىلىپ‫‪:‬‬ ــ
20«بىزگە قارشى چىققۇچىلار شۈبھىسىز ۋەيران بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋەتمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ.
21شۇڭا خۇداغا بويسۇنۇپ ئۇنى تونۇساڭ، شۇ چاغدىلا سەن ئامان بولىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئامەت كېلىدۇ.
22ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي.
23سەن ھەممىگە قادىرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەڭ، مۇقەررەركى، قايتىدىن قۇرۇلۇپ چىقالايسەن؛ ئەگەر سەن قەبىھلىكنى چېدىرلىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ،
24ئەگەر سەن ئالتۇنۇڭنى توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭ ئۈستىگە تاشلىيالىساڭ، ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ،
25ئۇنداقتا ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى ساڭا ئالتۇن بولىدۇ. سېنىڭ ئۈچۈن سەرخىل كۈمۈشمۇ بولىدۇ.
26ئۇ چاغدا سەن ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنىسەن، يۈزۈڭنى تەڭرىگە قاراپ كۆتۈرەلەيسەن.
27سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ قۇلاق سالىدۇ، شۇنداقلا سەنمۇ ئىچكەن قەسەملىرىڭگە ئەمەل قىلىسەن.
28سەن قارار قىلغان ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، يوللىرىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ.
29ئادەملەر پەس قىلىنغاندا، سەن ئۇلارغا‫‪:‬‬ «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» دەيسەن، شۇنىڭ بىلەن خۇدا چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ.
30ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ.