Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
2سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟ سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز.
3بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟ نېمىشقا ئالدىڭلاردا ئەخمەق تونۇلىمىز؟
4ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟! تاغ‫‪‎-‎‬‬تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟!  
5قانداقلا بولمىسۇن، يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئوت‫‪‎-‎‬‬ئۇچقۇنلىرى يالقۇنلىمايدۇ.
6چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسقان چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ.
7ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى موللاق ئاتقۇزىدۇ.
8چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۆزىنى تورغا ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەل تورنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان بولىدۇ.
9قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ، تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ.
10يەردە ئۇنى كۈتىدىغان يوشۇرۇن ئارغامچا بار، يولىدا ئۇنى تۇتماقچى بولغان بىر قاپقان بار.
11ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەھىمىلەر بېسىپ قورقىتىۋاتىدۇ، ھەم ئۇلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قوغلاۋاتىدۇ.
12ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى؛ پالاكەت ئۇنىڭ يېنىدا پايلاپ يۈرىدۇ.  
13ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى يەۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى شورايدۇ.
14ئۇ ئۆز چېدىرىدىكى ئامانلىقتىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۆلۈمنىڭ تۇنجىسى ئۇنى «ۋەھىمىلەرنىڭ پادىشاھى»نىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىدۇ.
15ئۆيىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ؛ تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ.
16ئۇنىڭ يىلتىزى تېگىدىن قۇرۇتۇلىدۇ؛ ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ.
17ئۇنىڭ ئەسلىمىسىمۇ يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، سىرتلاردا ئۇنىڭ نام‫‪‎-‎‬‬ئابرۇيى قالمايدۇ.  
18ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ.

19ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتتا ھېچقانداق پەرزەنتلىرى ياكى ئەۋلادلىرى قالمايدۇ، ئۇ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەرلەردىمۇ نەسلى قالمايدۇ.
20ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، خۇددى ئالدىنقىلارمۇ چۆچۈپ كەتكەندەك.
21مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر.