1مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛ مېنىڭ قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن.
2سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛ مېنىڭ سىلەردىن قېلىشقۇچىلىكىم يوق.
3بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر، مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ.
4سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر.
5سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلار ئىدى! بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى!
6مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار، لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.
7سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟
8ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ خۇشامەت قىلماقچىمۇسىلەر؟! ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟
9ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟ ئىنسان بالىسىنى ئالدىغاندەك ئۇنى ئالدىماقچىمۇسىلەر؟
10سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ.
11بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى، ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ سىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ؟
12پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛ سىلەر ئىشەنچ باغلىغان ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، خالاس.
13مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار. بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە كەلسۇن!
14قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن، مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن!
15ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛
16بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛ چۈنكى ئىپلاس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ.
17سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار، بايانلىرىمغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار.
18مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
19مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم!
20ئاھ خۇدا! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛ شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرمايمەن:
21ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن.
22ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛ ياكى مەن ساڭا دەۋايىمدىن سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
23مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟ ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر!
24نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟
25ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟ قۇرۇپ كەتكەن پاخالنى قوغلىماقچىمۇسەن؟
26چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن، سەن ياشلىقىمدىكى قەبىھلىكلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇۋاتىسەن.
28مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە، مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن، لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛ تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن.