Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئايۇپ

ئايۇپ 23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
2«بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر؛ ئۇنىڭ مېنى باسقان قولى ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلىرىمدىنمۇ ئېغىردۇر!
3ئاھ، ئۇنى نەدىن تاپالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسام ئىدىم، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا بارار ئىدىم!
4شۇندا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەۋايىمنى بايان قىلاتتىم، ئاغزىمنى مۇنازىرىلەر بىلەن تولدۇراتتىم،
5مەن ئۇنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغان جاۋابىنى بىلەلەيتتىم، ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىم.
6ئۇ ماڭا قارشى تۇرۇپ زور كۈچى بىلەن مېنىڭ بىلەن تالىشامتى؟ ياق! ئۇ چوقۇم ماڭا قۇلاق سالاتتى.
7ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەققانىي بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشالايتتى؛ شۇنداق بولسا، مەن ئۆز سوتچىم ئالدىدا مەڭگۈگىچە ئاقلانغان بولاتتىم.
8ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن.
9ئۇ سول تەرەپتە ئىش قىلىۋاتقاندا، مەن ئۇنى بايقىيالمايمەن؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛
10بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن.
11مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛ ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم.
12مەن يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتمىدىم؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ قەدىرلەپ كەلدىم.
13بىراق ئۇنىڭ بولسا بىرلا مۇددىئاسى باردۇر، كىممۇ ئۇنى يولىدىن بۇرۇيالىسۇن؟ ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى قىلىدۇ.
14چۈنكى ئۇ ماڭا نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا، شۇنى بەرھەق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؛ مانا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇندۇر.
15شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىگە چۈشىمەن؛ بۇلارنى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن.
16چۈنكى تەڭرى كۆڭلۈمنى ئاجىز قىلغان، ھەممىگە قادىر مېنى ساراسىمىگە سالىدۇ.
17ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم، ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت‫‪‎-‎‬‬قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم.