Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى.
2كوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى.
3ئامرامنىڭ پەرزەنتلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار ئىدى.
4ئەلىئازاردىن فىنىھاس، فىنىھاستىن ئابىشۇئا،
5ئابىشۇئادىن بۇككى، بۇككىدىن ئۇززى،
6ئۇززىدىن زەراھىيا، زەراھىيادىن مېرايوت،
7مېرايوتتىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب،
8ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن ئاخىمائاز،
9ئاخىمائازدىن ئازارىيا، ئازارىيادىن يوھانان،
10يوھاناندىن ئازارىيا (بۇ ئازارىيا يېرۇسالېمدا سۇلايمان سالغۇزغان مۇقەددەس ئۆيدە كاھىنلىق خىزمىتىدە بولغان)،
11ئازارىيادىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب،
12ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن شاللۇم،
13شاللۇمدىن ھىلقىيا، ھىلقىيادىن ئازارىيا،
14ئازارىيادىن سېرايا، سېرايادىن يەھوزاداك تۆرەلدى؛
15پەرۋەردىگار نېبوقادنەسارنىڭ ۋاستىسى بىلەن يەھۇدادىكىلەر بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان چاغدا، بۇ يەھوزاداكمۇ سۈرگۈن قىلىنغان.
16لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشوم، كوھات ۋە مەرارى.
17گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى لىبنى ۋە شىمەي ئىدى.
18كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى.

19مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلار لاۋىيلارغا مەنسۇپ ھەرقايسى جەمەتلەر ئىچىدىكى ئائىلىلەر ئىدى.
20گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ گەرشومنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى جاھات، جاھاتنىڭ ئوغلى زىمماھ،
21زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراھ، زەراھنىڭ ئوغلى يىياتىراي ئىدى.
22گوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ گوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر،
23ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى ئېبىئاساف، ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر،
24ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئەل، ئۇرىئەلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل ئىدى.
25ئەلكاناھنىڭ ئوغۇللىرى ئاماساي ۋە ئاخىموت،
26ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناھات،
27ناھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاب، ئېلىئابنىڭ ئوغلى يەروھام، يەروھامنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ ئىدى.
28سامۇئىلنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ تۇنجى ئوغلى يوئېل، ئىككىنچى ئوغلى ئابىيا ئىدى.
29مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى، ماھلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمەي، شىمەينىڭ ئوغلى ئۇززا،
30ئۇززانىڭ ئوغلى شىمىيا، شىمىيانىڭ ئوغلى ھاگگىيا، ھاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا ئىدى.
31داۋۇت ئەھدە ساندۇقى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمىچىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تۆۋەندىكى كىشىلەرنى قويدى.
32ئۇلار تاكى سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساتقانغا قەدەر، «جامائەت چېدىرى»نىڭ ئالدىدا كۈي ئېيتىش خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلدى. ئۇلار ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپى بىلەن ئۆتىگەنىدى.
33تۆۋەندىكىلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى‫‪:‬‬ ــ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە‫‪:‬‬ ــ نەغمىچى ھېمان بار ئىدى. ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى ئىدى.
34سامۇئىل ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئەلىيەلنىڭ ئوغلى، ئەلىيەل توئاھنىڭ ئوغلى،
35توئاھ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ئاماساينىڭ ئوغلى،
36ئاماساي ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا زەفانىيانىڭ ئوغلى،

37زەفانىيا تاھاتنىڭ ئوغلى، تاھات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى، ئېبىئاساف كوراھنىڭ ئوغلى،
38كوراھ ئىزھارنىڭ ئوغلى، ئىزھار كوھاتنىڭ ئوغلى، كوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ ئوغلى ئىدى.
39ھېماننىڭ ئوڭ تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىندىشى ئاساف ئىدى. ئاساف بولسا بەرەكىيانىڭ ئوغلى، بەرەكىيا شىمىيانىڭ ئوغلى،
40شىمىيا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسىيانىڭ ئوغلى، بائاسىيا مالكىيانىڭ ئوغلى،
41مالكىيا ئېتنىنىڭ ئوغلى، ئېتنى زەراھنىڭ ئوغلى، زەراھ ئادايانىڭ ئوغلى،
42ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمەينىڭ ئوغلى،
43شىمەي جاھاتنىڭ ئوغلى، جاھات گەرشومنىڭ ئوغلى، گەرشوم لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.
44ھېمان بىلەن ئاسافنىڭ سول تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىنداشلىرى مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېتانلار ئىدى. ئېتان بولسا كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى، كىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇقنىڭ ئوغلى،
45ماللۇق ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ئامازىيانىڭ ئوغلى، ئامازىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى،
46ھىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى شېمەرنىڭ ئوغلى،
47شېمەر ماھلىنىڭ ئوغلى، ماھلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مەرارىنىڭ ئوغلى، مەرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.
48ئۇلارنىڭ قالغان لاۋىي قېرىنداشلىرى بولسا ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيى، يەنى ئىبادەت چېدىرىدىكى باشقا خىزمەتلەرنى بېجىرىشكە ئاتالغانىدى.
49ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ تاپىلىغىنىدەك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانگاھتا قۇربانلىقلار سۇنۇپ، خۇشبۇيگاھدا خۇشبۇي يېقىپ، مۇقەددەسگاھدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئادا قىلاتتى، شۇنداقلا ئىسرائىللار ئۈچۈن كەچۈرۈم‫‪‎-‎‬‬كافارەت ئىشلىرىنى قىلاتتى.
50ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس، فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇيا،
51ئابىشۇيانىڭ ئوغلى بۇككى، بۇككىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زەراھىيا،
52زەراھىيانىڭ ئوغلى مېرايوت، مېرايوتنىڭ ئوغلى ئامارىيا، ئامارىيانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب،
53ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك، زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئىدى.
54تۆۋەندىكىلەر ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىچىدە ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان يەرلىرى‫‪:‬‬ ــ كوھات جەمەتىنىڭ يەرلىرى بولسا (مۇشۇ يەرلەر چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان)‫‪:‬‬ ــ

55يەھۇدا زېمىنىدىكى ھېبرون ۋە ھېبروننىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلىرى ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان
56(لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلۇقلار ۋە شەھەرگە قاراشلىق يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلەر بولسا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بېرىلدى).
57ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا «پاناھلىق شەھىرى» ھېبرون بېرىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا لىبناھ بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياتتىر، ئېشتېموئا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
58ھىلەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دەبىر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
59ئاشان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، بەيت‫‪‎-‎‬‬شەمەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ تەقسىم قىلىنغان؛
60يەنە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى زېمىندىن گېبا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاللەمەت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاناتوت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ئېرىشكەن شەھەر جەمئىي ئون ئۈچ بولدى.
61كوھاتنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا بولسا تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
62گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، ئىسساكار قەبىلىسى، ئاشىر قەبىلىسى، نافتالى قەبىلىسى ۋە باشان يۇرتىدىكى ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
63مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
64ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ بۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە ئېتىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى لاۋىيلارغا بۆلۈپ بەردى.
65ئۇلار تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، يەنە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان شەھەرلەرنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن، شىمېئون قەبىلىسىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئېلىپ ئۇلارغا بەردى.
66كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بەزى جەمەتلەرگە ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنى تەۋەسىدىكى شەھەرلەردىن بۆلۈپ بېرىلگەنلىرىمۇ بولدى.
67ئىسرائىللار ئۇلارغا يەنە ئىككى «پاناھلىق شەھىرى»، يەنى ئەفرائىم تاغلىقىغا جايلاشقان شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ۋە گەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى بەردى؛
68يەنە يوكمىيام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بەيت‫‪‎-‎‬‬ھورون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى،
69ئايجالون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، گات‫‪‎-‎‬‬رىممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ئۇلارغا بەردى.
70ئىسرائىللار يەنە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن ئانېر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بىلېئام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بەردى.
71گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولان ۋە گولانغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاشتاروت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
72ئىسساكار قەبىلىسىدىن كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دابىرات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،

73راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئانەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
74ئاشىر قەبىلىسىدىن ئۇلارغا ماشال ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئابدون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
75خۇكوك ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، رەھوب ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
76نافتالى قەبىلىسىدىن گالىلىيەدىكى كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ھاممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، كىرىئاتايىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ بېرىلدى.
77مەرارىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا بولسا زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن رىممونو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، تابور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
78يەنە رۇبەن قەبىلىسىنىڭكىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن، يېرىخونىڭ شەرقىي ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈنچىقىش بويىدىكى يەرلەردىن چۆلدىكى بەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياھزاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
79كەدەموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، مېفائات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
80گاد قەبىلىسىدىنمۇ بولسا ئۇلارغا گىلېئادتىكى راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ماھانائىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
81ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، يائازەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى.