Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت بىلەن قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئاساف، ھېمان ۋە يەدۇتۇنلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ۋەزىپە يۈكلەپ، ئۇلارنى چىلتار، تەمبۇر ۋە جاڭ‫‪‎-‎‬‬جاڭلار چېلىپ، بېشارەت بېرىش خىزمىتىگە قويدى. ئۇلاردىن ۋەزىپىگە قويۇلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬
2ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىدىن زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانىيا ۋە ئاشارىلاھ بار ئىدى؛ ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسافنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى؛ ئاساف پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېشارەت بېرىپ سۆزلەيتتى.
3يەدۇتۇنغا كەلگەندە، ئۇنىڭ گەدالىيا، زېرى، يەشايا، شىمەي، ھاشابىيا ۋە ماتتىتىياھ دېگەن ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى يەدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى. يەدۇتۇن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن چىلتار چېلىپ بېشارەت بېرەتتى.
4ھېماننىڭ بولسا، ئۇنىڭ بۇككىيا، ماتتانىيا، ئۇززىيەل، شەبۇيەل، يەرىموت، ھانانىيا، ھانانى، ئەلىياتا، گىددالتى ۋە رومامتى‫‪‎-‎‬‬ئېزەر، يوشبىكاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى.
5بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېماننىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، خۇداغا بولغان مەدھىيىسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن قويۇلغان (ھېمان بولسا پادىشاھقا خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزىدىغان ئالدىن كۆرگۈچى ئىدى)؛ خۇدا ھېمانغا ئون تۆت ئوغۇل، ئۈچ قىز ئاتا قىلغانىدى.
6بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمە‫‪‎-‎‬‬ناۋا قىلىش ئۈچۈن، جاڭ‫‪‎-‎‬‬جاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار چېلىپ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئاساف، يەدۇتۇن ۋە ھېمان بۇ ئىشلاردا پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى.
7ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سانى جەمئىي ئىككى يۈز سەكسەن سەككىز ئىدى (ئۇلار ھەممىسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەش نەغمە‫‪‎-‎‬‬ناۋالىقىدا ئالاھىدە تەربىيە كۆرگەن، كۈي ئېيتىشقا ئۇستا ئىدى).
8بۇلار چوڭ‫‪‎-‎‬‬كىچىكىگە، ئۇستاز‫‪‎-‎‬‬شاگىرتلىقىغا قارىماي ھەممىسى بىردەك چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەنىدى.
9بىرىنچى چەك ئاسافنىڭ ئوغلى يۈسۈپكە، ئىككىنچى چەك گەدالىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئىنىلىرى ۋە ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
10ئۈچىنچى چەك زاككۇرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
11تۆتىنچى چەك ئىزرىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
12بەشىنچى چەك نەتانىياغا چىقتى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
13ئالتىنچى چەك بۇككىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
14يەتتىنچى چەك يەشارىلاھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
15سەككىزىنچى چەك يەشاياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
16توققۇزىنچى چەك ماتتانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
17ئونىنچى چەك شىمەيگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
18ئون بىرىنچى چەك ئازارەلگە چىقتى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛

19ئون ئىككىنچى چەك ھاسابىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
20ئون ئۈچىنچى چەك شۇبايەلگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
21ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتىياھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
22ئون بەشىنچى چەك يەرىموتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
23ئون ئالتىنچى چەك ھانانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
24ئون يەتتىنچى چەك يوشبىكاشاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
25ئون سەككىزىنچى چەك ھانانىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
26ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
27يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
28يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
29يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
30يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
31يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى‫‪‎-‎‬‬ئېزەرگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى.