Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1تۇر پادىشاھى ھىرام داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچىلەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوردا سېلىشقا كېدىر ياغىچى، تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ئەۋەتتى.
2بۇ چاغدا داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولۇشقا جەزمەن تىكلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنىدى.
3داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرمۇنچە خوتۇن ئالدى ھەمدە يەنە ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلارنى كۆردى.
4تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى‫‪:‬‬ شاممۇيا، شوباب، ناتان، سۇلايمان،
5ئىبھار، ئەلىشۇيا، ئەلپەلەت،
6نوگاھ، نەفەگ، يافىيا،
7ئەلىشاما، بەئەلىيادا ۋە ئەلىفەلەت.
8داۋۇتنىڭ مەسىھ قىلىنىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت بىلەن قارشىلىشىش پۇرسىتىنى ئىزلەپ كەلدى؛ داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
9فىلىستىيلەر «رەفايىم جىلغىسى»غا بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلغىلى كىردى.
10داۋۇت خۇدادىن‫‪:‬‬ «مەن فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭگە چىقسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟» دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سۆزسىز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن» دېدى.
11فىلىستىيلەر بائال‫‪‎-‎‬‬پەرازىمغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلگەندە، داۋۇت ئۇلارنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدى ۋە‫‪:‬‬ «خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» دېدى. شۇڭا ئۇ يەر «بائال‫‪‎-‎‬‬پەرازىم» دەپ ئاتالغان.
12فىلىستىيلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانلىقتىن، داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تاپىلىدى.
13فىلىستىيلەر يەنە ھېلىقى جىلغىغا بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلغىلى كىرىۋىدى،
14داۋۇت يەنە خۇدادىن يول سورىدى. خۇدا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «ئۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلىماي، ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۈجمىلىكنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن.
15سەن ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا جەڭگە ئاتلان؛ چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ» دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ زەربە بەردى.
17شۇ سەۋەبتىن داۋۇتنىڭ شۆھرىتى بارلىق يۇرت‫‪‎-‎‬‬زېمىنلارغا پۇر كەتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قورقۇنچىنى بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە سالدى.