1ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن،
2دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشىردىن ئىبارەت.
3يەھۇدانىڭ ئوغلى ئېر، ئونان ۋە شىلاھ ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن قانائانلىق شۇيانىڭ قىزىدىن بولغان. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغانلىقىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان.
4يەھۇداغا كېلىنى تاماردىن پەرەز بىلەن زەراھ تۆرەلگەن. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بولغان.
5پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇل ئىدى.
6زەراھنىڭ ئوغۇللىرى زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول بىلەن دارا قاتارلىق بەش ئىدى.
7كارمىنىڭ ئوغلى ئاكار ئىدى. ئاكار بولسا خۇدا لەنەت قىلغان نەرسىنى ئېلىپ، «ئىسرائىلغا بالا-قازا كەلتۈرگۈچى» بولۇپ چىقتى.
8ئېتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا ئىدى.
9ھەزروندىن تۆرەلگەن ئوغۇللار يەراھمىيەل، رام ۋە كالەب ئىدى.
10ئاممىناداب رامدىن تۆرەلگەن؛ ناھشون ئاممىنادابتىن تۆرەلگەن؛ ناھشون يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
11سالمون ناھشوندىن تۆرەلگەن؛ بوئاز سالموندىن تۆرەلگەن.
12ئوبەد بوئازدىن تۆرەلگەن؛ يەسسە ئوبەددىن تۆرەلگەن.
13يەسسەنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۇنجىسى ئېلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شىمىيا،
14تۆتىنچىسى نەتانەل، بەشىنچىسى رادداي،
15ئالتىنچىسى ئوزەم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى.
16زەرۇئىيا بىلەن ئابىگائىل ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. زەرۇئىيانىڭ ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
17ئاماسا ئابىگائىلدىن تۆرەلدى؛ ئاماسانىڭ ئاتىسى ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەر ئىدى.
18كالەب ئازۇباھ (يېرىئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)تىن ئوغۇل كۆردى؛ ئازۇباھتىن بولغان ئوغۇللىرى يەشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىدى.
19ئازۇباھ ئۆلگەندىن كېيىن كالەب يەنە ئەفراتنى ئالدى؛ ئەفرات ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى.
20خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى؛ ئۇرىدىن بەزالەل تۆرەلدى.
21كېيىن ھەزرون گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىر ياستۇققا باش قويۇۋىدى (ئۇ ئاتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنى ئالغان)، ئۇنىڭدىن سەگۇب تۆرەلدى.
22سەگۇبتىن يائىر تۆرەلدى؛ يائىرنىڭ گىلېئاد زېمىنىدا يىگىرمە ئۈچ شەھىرى بار ئىدى.
23گەشۇر بىلەن ئارام شۇ يۇرتتىكىلەردىن «يائىرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى»نى، كىناتنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار بولۇپ جەمئىي ئاتمىش يېزا-شەھەرنى تارتىۋالدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
24ھەزرون كالەب-ئەفراتاھدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئايالى ئابىياھ ئۇنىڭغا ئاشخورنى تۇغدى؛ ئاشخور تەكوئانىڭ ئاتىسى ئىدى
25ھەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يەراھمىيەلنىڭ ئوغۇللىرى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزەم ۋە ئاخىياھ ئىدى.
26يەراھمىيەلنىڭ ئاتاراھ دېگەن يەنە بىر ئايالى بار ئىدى، ئۇ ئونامنىڭ ئانىسى ئىدى.
27يەراھمىيەلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامنىڭ ئوغۇللىرى مائاز، يامىن ۋە ئېكەر ئىدى.
28ئونامنىڭ ئوغۇللىرى شامماي بىلەن يادا ئىدى؛ شامماينىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىشۇر ئىدى.
29ئابىشۇرنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىھايىل بولۇپ، ئابىھايىلدىن ئۇنىڭغا ئاھبان بىلەن مولىد تۆرەلدى.
30نادابنىڭ ئوغۇللرى سەلەد بىلەن ئاپپايىم ئىدى؛ سەلەد تا ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن.
31يىشى ئاپپايىمنىڭ ئوغلى؛ شېشان يىشىنىڭ ئوغلى؛ ئاخلاي شېشاننىڭ ئوغلى ئىدى.
32شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ ئوغۇللىرى يەتەر بىلەن يوناتان ئىدى؛ يەتەر تاكى ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن.
33پەلەت بىلەن زازا يوناتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى يەراھمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
34شېشان قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شېشاننىڭ مىسىرلىق يارخا دەيدىغان بىر مالىيى بار ئىدى.
35شېشان قىزىنى مالىيى يارخاغا خوتۇنلۇققا بەرگەن، ئۇنىڭدىن يارخاغا ئاتتاي تۆرەلگەن.
36ئاتتايدىن ناتان؛ ناتاندىن زاباد تۆرەلگەن.
37زابادتىن ئىفلال؛ ئىفلالدىن ئوبەد تۆرەلگەن.
38ئوبەدتىن يەھۇ؛ يەھۇدىن ئازارىيا تۆرەلگەن.
39ئازارىيادىن ھەلەز؛ ھەلەزدىن ئەلئاساھ تۆرەلگەن.
40ئەلئاساھتىن سىسماي؛ سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلگەن.
41شاللۇمدىن يەكامىيا؛ يەكامىيادىن ئەلىشاما تۆرەلگەن.
42يەراھمىيەلنىڭ ئىنىسى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: مىشا ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى بولۇپ، زىفنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ مارىشاھمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھېبروننىڭ ئاتىسى ئىدى.
43ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى كوراھ، تاپپۇئاھ، رەكەم ۋە شېما ئىدى.
44شېمادىن راھام تۆرەلگەن؛ ئۇ يوركېئامنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ شامماي رەكەمدىن تۆرەلگەن.
45مائون شامماينىڭ ئوغلى؛ مائون بەيت-زۇرنىڭ ئاتىسى ئىدى.
46كالەبنىڭ توقىلى ئەفاھدىن ھاران، موزا ۋە گازەز تۆرەلگەن. ھاراندىن گازەز تۆرەلگەن.
47ياخداينىڭ ئوغۇللىرى رەگەم، يوتام، گەشان، پەلەت، ئەفاھ ۋە شائافلار ئىدى.
48كالەبنىڭ توقىلى مائاكاھدىن شېبەر بىلەن تىرخاناھ تۆرەلگەن؛
49ئۇنىڭدىن يەنە مادمانناھنىڭ ئاتىسى شائاف، ماكبىنانىڭ ئاتىسى ۋە گىبېئاھنىڭ ئاتىسى شىۋا تۆرەلگەن. ئاكساھ كالەبنىڭ قىزى ئىدى.
50يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كالەبنىڭ ئەۋلادلىرى. ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇرنىڭ ئوغۇللىرى: كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبال،
51بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى سالما، بەيت-گادەرنىڭ ئاتىسى خارەف ئىدى.
52كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: خاروئەھ ھەمدە ماناخاتلارنىڭ يېرىمى ئىدى.
53كىرىئات-يېئارىم جەمەتلىرىدىكىلەر ئىترىيلەر، پۇتىيلار، شۇماتىيلار، مىشرائىيلار بولۇپ، بۇ جەمەتلەردىن يەنە زوراتىيلار بىلەن ئەشتايولىيلار ئايرىلىپ چىققان.
54سالمانىڭ ئەۋلادلىرى بەيت-لەھەم بىلەن نىتوفاتلار، ئاتروت-بەيت-يوئابلار، ماناھاتلارنىڭ يېرىم قىسمى، زورىيلار،
55يابەزدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تەۋرات خەتتاتلىرى، يەنى تىراتىيلار، شىمياتىيلەر بىلەن سۇكاتىيلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېنىيلەر بولۇپ، رەكاب جەمەتىنىڭ بوۋىسى خاماتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.