Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پۈتكۈل ئىسرائىللار نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغانىدى. مانا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن كىتابغا پۈتۈلگەندۇر.
2يەھۇدالار بولسا ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان. ھەممىدىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىپ ئۆز زېمىنى ۋە ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشقانلار بولسا بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىدى.
3يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانلار بولسا يەھۇدا قەبىلىسى، بىنيامىن قەبىلىسى، ئەفرائىم قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىدىن بىر قىسىملىرى ئىدى.
4ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بار ئىدى؛ ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى.
5شىلوھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بار ئىدى.
6زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەئۇئېل ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق‫‪‎-‎‬‬تۇغقانلىرى بولۇپ جەمئىي ئالتە يۈز توقسان ئادەم بار ئىدى.
7بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاسسىنۇئاھنىڭ ئەۋرىسى، ھوداۋىيانىڭ نەۋرىسى، مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ بار ئىدى؛
8يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى يىبنىيا، مىكرىنىڭ نەۋرىسى، ئۇززىنىڭ ئوغلى ئېلاھ ۋە ئىبىنىيانىڭ ئەۋرىسى، رېئۇئەلنىڭ نەۋرىسى، شەفاتىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام
9ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق‫‪‎-‎‬‬تۇغقانلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار نەسەبنامىسى بويىچە تىزىملانغاندا جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك ئالتە ئادەم ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى.
10كاھىنلار ئىچىدە يەدايا، يەھويارىب، ياقىن ۋە
11ئازارىيا بار ئىدى. ئازارىيا خۇدانىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.
12يەنە مالكىيانىڭ ئەۋرىسى، پاشخۇرنىڭ نەۋرىسى، يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا ھەمدە ئادىيەلنىڭ ئوغلى مائاساي بار ئىدى؛ ئادىيەل ياھزەراھنىڭ ئوغلى، ياھزەراھ مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام مەشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مەشىللېمىت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى.
13ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھەممىسى جەمەت باشلىرى بولۇپ، جەمئىي بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش ئادەم ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا بېكىتىلگەن ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئىدى.
14لاۋىي قەبىلىسىدىن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاشابىيانىڭ ئەۋرىسى، ئازرىكامنىڭ نەۋرىسى، ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛
15يەنە باقباققار، ھەرەش، گالال ۋە ئاسافنىڭ ئەۋرىسى، زىكرىنىڭ نەۋرىسى، مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا؛
16يەنە يەدۇتۇننىڭ ئەۋرىسى، گالالنىڭ نەۋرىسى، شېمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا ھەمدە ئەلكاناھنىڭ نەۋرىسى، ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكىيا بار ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلىرىگە ماكانلاشقانىدى.
17دەرۋازىۋەنلەر شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئىدى؛ شاللۇم ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى.
18ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شەرق تەرەپتىكى «پادىشاھنىڭ دەرۋازىسى»دا دەرۋازىۋەنلىك قىلىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار ئىلگىرى لاۋىيلارنىڭ چېدىرگاھىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلغانىدى.

19كورەنىڭ ئەۋرىسى، ئېبىئاسافنىڭ نەۋرىسى، كوراھنىڭ ئوغلى شاللۇم ھەمدە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكى قېرىنداشلىرى بولغان كوراھىيلار خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇراتتى، چېدىرنىڭ ئىشىكلىرىنى باقاتتى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرگاھىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغان، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشىكىنى باققانىدى.
20ئىلگىرى ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولغان؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان.
21مەشەلەمىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا بولسا جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىۋەنى بولغانىدى.
22دەرۋازىۋەنلىككە تاللانغان بۇ كىشىلەر جەمئىي ئىككى يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ ئۇلار ئۆز يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلىرىدە، نەسەبلىرى بويىچە تىزىملانغان (ئەسلىدە داۋۇت ۋە ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل ئۇلارنى ئامانەت قىلىنغان ۋەزىپىلىرىگە بېكىتكەنىدى.
23ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، يەنى مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشىك‫‪‎-‎‬‬دەرۋازىلىرىنى بېقىشقا بېكىتىلگەنىدى).
24شەرقىي، غەربىي، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىشىك‫‪‎-‎‬‬دەرۋازىلىرىدا دەرۋازىۋەنلەر بېكىتىلگەنىدى.
25ئۇلارنىڭ يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلەردە ئولتۇرۇشلۇق قېرىنداشلىرى بولسا ھەر يەتتە كۈندە نۆۋەت بويىچە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەتتە بولاتتى.
26تۆت دەرۋازىۋەن بېگى لاۋىيلاردىن ئىدى؛ ئۇلارغا تاپشۇرۇلغىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار‫‪‎-‎‬‬خەزىنىلەرنى بېقىش ئىدى.
27بېقىش مەسئۇلىيىتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇلار كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلىرىدا تۇراتتى ھەمدە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشىك‫‪‎-‎‬‬دەرۋازىلارنى ئېچىشقا مەسئۇل ئىدى.
28ئۇلاردىن بىر قىسمى ئىبادەتخانا خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب‫‪‎-‎‬‬ئۈسكۈنىلەرگە مەسئۇل ئىدى؛ ئۇلار ساناپ ئەپچىقىپ، ساناپ ئەپكىرىپ قوياتتى.
29ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى تاپشۇرۇلغىنى بويىچە قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلار ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق ئەسۋاب‫‪‎-‎‬‬ئۈسكۈنىلەر، شۇنداقلا ئاق ئۇن، شاراب، زەيتۇن مېيى، مەستىكى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارغا مەسئۇل ئىدى.
30كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلەر خۇشبۇي بۇيۇملاردىن ئەتىر ياسايتتى.
31لاۋىيلاردىن ماتتىتىياھ، يەنى كوراھىيلاردىن شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ۋەزىپىسى قازان نېنى ئېتىشكە مەسئۇل ئىدى.
32ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە «تەقدىم نان»غا مەسئۇل بولۇپ، ھەر شابات كۈنى تىزىدىغانغا نانلارنى تەييارلايتتى.
33لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىرى بولغان نەغمىچىلەر ئىبادەتخانىدىكى ئۆيلەردە تۇرۇپ، باشقا خىزمەتلەرنى قىلماي، كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز ئۆز ئىشلىرى بىلەنلا بولاتتى.
34يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لاۋىيلار ئىچىدىكى يولباشچىلار بولۇپ، ھەممىسى ئۆز نەسەبى بويىچە جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا تۇراتتى.
35گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى.
36ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، نەر، ناداب،

37گېدور، ئاخىيو، زەكەرىيا ۋە مىكلوت ئىدى.
38مىكلوتتىن شىمېيام تۆرەلگەن. بۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى.
39نەردىن كىش تۆرەلگەن، كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن، سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇيا، ئابىناداب ۋە ئېش‫‪‎-‎‬‬بائال تۆرەلگەن.
40مېرىب‫‪‎-‎‬‬بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مېرىب‫‪‎-‎‬‬بائالدىن مىكاھ تۆرەلگەن.
41مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تاھرىيا ۋە ئاھاز ئىدى.
42ئاھازدىن ياراھ تۆرەلدى؛ ياراھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن. زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛
43موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رېفايا، رېفايانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى.
44ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى.