1ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى مۇنۇلار: ــ (رۇبەن گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولغىنى بىلەن، لېكىن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن زىنا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئىسرائىلنىڭ ئوغلى بولغان يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن. شۇڭا نەسەبنامە بويىچە ئۇ چوڭ ئوغۇل ھېسابلانمايدۇ.
2يەھۇدا قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بولسىمۇ ۋە ئىدارە قىلغۇچى ئۇنىڭدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقى يۈسۈپكە تەۋە بولۇپ كەتكەن): ــ
3ئىسرائىلنىڭ تۇنجىسى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى مۇنۇلار: ــ ھانوخ ۋە پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى.
4يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: - يوئېلنىڭ ئوغلى شېمايا، شېمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمەي،
5شىمەينىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رېئايا، رېئايانىڭ ئوغلى بائال،
6بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ؛ بەئەراھ ئاسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلنەسەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىپ كېتىلگەن. ئۇ چاغدا ئۇ رۇبەن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىدى.
7ئۇنىڭ ئىنىلىرى نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنگەندەك، جەمەتلىرىنىڭ تارىخى بويىچە يولباشچى بولغان جەئىيەل، زەكەرىيا ۋە بېلا دەپ پۈتۈلگەنىدى
8(بېلا ئازازنىڭ ئوغلى، ئازاز شېمانىڭ ئوغلى، شېما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى). يوئېللار ئاروئەردە، نېبو ۋە بائال-مېئونغىچە سوزۇلغان جايلاردا تۇراتتى.
9ئۇلار يەنە كۈن چىقىشقا قاراپ تاكى ئېفرات دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى چۆلنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قەدەر ئولتۇراقلاشتى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ گىلېئاد يۇرتىدىكى چارۋا ماللىرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى.
10سائۇلنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇلار ھاگارىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى؛ ھاگارىيلار ئۇلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار گىلېئادنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى پۈتۈن زېمىندا ھاگارىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا ماكانلاشتى.
11ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا گادنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى سالىكاھغا قەدەر باشان زېمىنىغا ماكانلاشقانىدى.
12باشاندا ماكانلاشقانلاردىن قەبىلە باشلىقى يوئېل، مۇئاۋىن قەبىلە باشلىقى شافام بار ئىدى؛ يەنە ياناي بىلەن شافاتمۇ بار ئىدى.
13ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەمەتنامىلەر بويىچە مىكائىل، مەشۇللام، شېبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر بولۇپ، جەمئىي يەتتە ئىدى.
14يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئابىھايىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئابىھايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروياھنىڭ ئوغلى، ياروياھ گىلېئادنىڭ ئوغلى، گىلېئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يەشىشاينىڭ ئوغلى، يەشىشاي ياھدونىڭ ئوغلى، ياھدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى؛
15گۇنىنىڭ نەۋرىسى، ئابدىئەلنىڭ ئوغلى ئاخى ئۇلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى.
16ئۇلار گىلېئادقا، باشانغا ۋە باشانغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، شۇنداقلا پۈتكۈل شارون يايلىقىغا، تاكى تۆت چېتىگىچە ماكانلاشقانىدى.
17بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدا پادىشاھى يوتام ۋە ئىسرائىل پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كۈنلىرىدە نەسەبنامىلەرگە پۈتۈلگەنىدى.
18رۇبەن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ باتۇر، قالقان-قىلىچ تۇتالايدىغان، ئوقيا ئاتالايدىغان ھەم جەڭگە ماھىر قىرىق تۆت مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش جەڭگىۋار ئادىمى بار ئىدى.
19ئۇلار ھاگارىيلار، يەتۇرلار، نافىشلار ۋە نودابلار بىلەن جەڭ قىلغان.
20ئۇلار جەڭ قىلغاندا مەدەت تېپىپ، ھاگارىيلار ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان؛ چۈنكى ئۇلار جەڭ ئۈستىدە خۇداغا نىدا قىلغان؛ ئۇلار ئۇنىڭغا تايانغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت قىلغان.
21ئۇلار يەنە دۈشمەننىڭ چارۋا-ماللىرىنى، جۈملىدىن ئەللىك مىڭ تۆگە، ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشىكىنى ئولجا ئالغان ۋە يۈز مىڭ جاننى ئەسىر ئالغان.
22بۇ ئۇرۇش خۇدانىڭ نىيىتىدىن بولغاچقا، دۈشمەندىن ئۆلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان؛ سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئۇلار شۇلارنىڭ يېرىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان.
23ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەر باشاندىن بائال-ھەرمون، سېنىر، ھەرمون تېغىغا قەدەر بولغان زېمىندا يېيىلىپ ماكانلاشتى. ئۇلار زور كۆپەيگەن.
24ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئېفەر، ئىشى، ئەلىيەل، ئازرىئەل، يەرىمىيا، خوداۋىيا ۋە ياھدىيەل ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى باتۇر جەڭچىلەر، مەشھۇر مۆتىۋەرلەر، شۇنداقلا ھەرقايسىسى ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى.
25ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ خۇدا ئەسلىدە ئۆزلىرى ئالدىدا يوقاتقان شۇ يەردىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئەگىشىپ كەتتى.
26شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئاسۇرىيە پادىشاھى پۇل (يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلنەسەر)نىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن، ئۇ ئۇلارنى، يەنى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەرنى، گاد قەبىلىسىدىكىلەرنى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى خالاھ، خابور ۋە خاراغا ھەم گوزان دەرياسى بويىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى بۈگۈنگە قەدەر تېخىچە شۇ يەردە ماكانلىشىپ تۇرماقتا.