Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت قېرىپ كۈنلىرى توشاي دەپ قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
2داۋۇت ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارنى، كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى.
3لاۋىيلاردىن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ تىزىملانغىنى بويىچە، ئۇلاردىن ئەرلەر جەمئىي ئوتتۇز سەككىز مىڭ كىشى ئىدى.
4داۋۇت‫‪:‬‬ «بۇلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆت مىڭ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، ئالتە مىڭ كىشى ئەمەلدار ۋە سوتچىلىققا،
5تۆت مىڭ كىشى دەرۋازىۋەنلىككە ۋە يەنە تۆت مىڭ كىشى مەن ياسىغان سازلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇش ئىشىغا قويۇلسۇن» ــ دېدى.
6داۋۇت ئۇلارنى لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى جەمەتلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلدى‫‪:‬‬ ــ
7گەرشونىيلاردىن لادان بىلەن شىمەي بار ئىدى؛
8لاداننىڭ ئوغلى‫‪:‬‬ تۇنجى ئوغلى يەھىيەل، يەنە زىتام بىلەن يوئېلدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛
9شىمەينىڭ ئوغلىدىن شېلومىت، ھازىيەل ۋە ھاراندىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ يۇقىرىقىلار لاداننىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.
10شىمەينىڭ ئوغۇللىرى جاھات، زىنا، يەئۇش ۋە بېرىياھ، بۇ تۆتەيلەننىڭ ھەممىسى شىمەينىڭ ئوغلى ئىدى.
11جاھات تۇنجى ئوغۇل، زىزا ئىككىنچى ئوغۇل ئىدى؛ يەئۇش بىلەن بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپ بولمىغاچقا، بىر جەمەت گۇرۇپپىسى دەپ ھېسابلانغان.
12كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىيەلدىن ئىبارەت تۆت كىشى ئىدى.
13ئامرامنىڭ ئوغلى ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكلاش، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈگە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، مەڭگۈ ئۇنىڭ نامىدىن بەخت تىلەپ دۇئا بېرىشكە ئايرىلغانىدى.
14خۇدانىڭ ئادىمى مۇساغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىدىن دەپ ھېسابلىنىپ پۈتۈلگەن.
15مۇسانىڭ ئوغلى گەرشوم بىلەن ئەلىئېزەر ئىدى.
16گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىدىن شەبۇيەل چوڭ ئوغلى ئىدى.
17ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا ئىدى؛ ئەلىئېزەرنىڭ باشقا ئوغلى بولمىغان، لېكىن رەھابىيانىڭ ئوغۇللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
18ئىزھارنىڭ تۇنجى ئوغلى شېلومىت ئىدى.

19ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى‫‪:‬‬ تۇنجى ئوغلى يېرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئامارىيا، ئۈچىنچى ئوغلى ياھازىيەل، تۆتىنچى ئوغلى جەكامىيام ئىدى.
20ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى‫‪:‬‬ تۇنجى ئوغلى مىكاھ، ئىككىنچى ئوغلى يىشىيا ئىدى.
21مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى بىلەن مۇشى ئىدى؛ ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار بىلەن كىش ئىدى.
22ئەلىئازار ئۆلگەندە ئوغلى يوق، قىزلىرىلا بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى كىشنىڭ ئوغۇللىرى ئۇ قىزلارنى ئەمرىگە ئالدى.
23مۇشىنىڭ ماھلى، ئېدەر ۋە يەرەموت دېگەن ئۈچلا ئوغلى بار ئىدى.
24يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى جەمەت باشلىرى بويىچە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئەركەكلەر رويخەتكە ئېلىنغان؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملانغانىدى.
25چۈنكى داۋۇت‫‪:‬‬ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ئارام بېرىپ، ئۆزى مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ماكان قىلىدۇ؛
26شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلارنىڭ مۇقەددەس چېدىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى قاچا‫‪‎-‎‬‬ئەسۋابلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنىدى.
27شۇڭا داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە، لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرىنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
28ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ئىدى؛ ئۇلار ھويلا‫‪‎-‎‬‬ئاراملارنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىز تۇتۇش، قىسقىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل ئىدى؛
29يەنە «تىزىلغان تەقدىم نان»، ئاش ھەدىيە ئۇنلىرى، پېتىر قوتۇرماچلار، قازان نانلىرى ۋە مايلىق نانلارغا، شۇنداقلا ھەرخىل ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا مەسئۇل ئىدى؛
30ئۇلار يەنە ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۆرە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى، ھەركۈنى كەچلىكىمۇ شۇنداق قىلاتتى.
31يەنە شابات كۈنى، ھەر يېڭى ئايدا، شۇنىڭدەك بېكىتىلگەن ھېيت‫‪‎-‎‬‬بايراملاردا سۇنۇلىدىغان بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېكىتىلىگەن سانى ۋە نۆۋىتى بىلەن خىزمەتتە تۇراتتى.
32ئۇلار جامائەت چېدىرىنى ھەم مۇقەددەس جاينى باقاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتتە بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا قارايتتى.