Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا، يوئاب كۈچلۈك قىسىمنى باشلاپ كېلىپ، ئاممونلارنىڭ يەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن رابباھنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇ چاغدا داۋۇت يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتاتتى. يوئاب رابباھغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى.
2داۋۇت ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىن تاجنى ئېلىۋىدى (ئالتۇنىنىڭ ئېغىرلىقى بىر تالانت چىقتى، ئۇنىڭغا ياقۇتلار قوندۇرۇلغانىدى)، كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن جەڭ غەنىيمەتلىرىنى ئېلىپ كەتتى.   
3ئۇ يەنە شەھەردىكى خەلقنى ئېلىپ چىقىپ ھەرە، جوتۇ ۋە پالتا بىلەن ئىشلەشكە سالدى؛ داۋۇت ئامموننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى خەلقلەرنىمۇ شۇنداق ئىشلەتتى؛ ئاندىن داۋۇت كۆپچىلىك بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى.
4شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىسرائىللار گەزەردە فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشتى؛ ئۇ چاغدا خۇشاتلىق سىببىكاي رەفايىيلاردىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، فىلىستىيلەر تىز پۈكتى.
5كېيىنچە ئىسرائىللار بىلەن فىلىستىيلەر يەنە سوقۇشتى؛ يائىرنىڭ ئوغلى ئەلھانەن گاتلىق گولىياتنىڭ ئىنىسى لاخمىنى ئۆلتۈردى؛ بۇ ئادەمنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى باپكارنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى.
6كېيىنكى ۋاقىتلاردا گاتتا يەنە سوقۇش بولدى؛ ئۇ يەردە ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭ قولىدىمۇ، پۇتىدىمۇ ئالتىدىن بارماق بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى؛ ئۇمۇ رەفايىيلاردىن ئىدى.
7بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى تىللىغىلى تۇرۇۋىدى، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمىيانىڭ ئوغلى يوناتان چىقىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
8بۇلار گاتلىق رافانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىدا ئۆلدى.