1داۋۇتنىڭ ھېبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى ئامنون بولۇپ، يىزرەئەللىك ئاخىنوئامدىن بولغان؛ ئىككىنچى ئوغلى دانىيال كارمەللىك ئابىگائىلدىن بولغان؛
2ئۈچىنچى ئوغلى ئابشالوم گەشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكاھدىن بولغان؛ تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا بولۇپ، ھاگگىتتىن بولغانىدى؛
3بەشىنچى ئوغلى شەفاتىيا بولۇپ، ئابىتالدىن بولغانىدى؛ ئالتىنچى ئوغلى ئىترىيام بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى ئەگلاھدىن بولغانىدى.
4بۇ ئالتە ئوغۇل داۋۇتتىن ھېبروندا تۆرەلگەن؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل ئالتە ئاي، يېرۇسالېمدا بولسا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلغان.
5يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا ئاممىيەلنىڭ قىزى بات-شۇئادىن بۇ تۆتەيلەن تۆرەلگەن: ئۇلار شىمىيا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان ئىدى.
6يەنە ئىبھار، ئەلىشاما، ئەلىفەلەت،
7نوگاھ، نەفەگ، يافىيا،
8ئەلىشاما، ئەلىيادا، ئەلىفەلەت قاتارلىق توققۇز ئوغۇل بولغان.
9بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا توقاللىرىدىن بولغان ئوغۇللار بار ئىدى؛ تامار ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى.
10سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام، رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيا، ئابىيانىڭ ئوغلى ئاسا، ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات،
11يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا، ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاش،
12يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا، ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئازارىيانىڭ ئوغلى يوتام،
13يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز، ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا، ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھ،
14ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئامون، ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا ئىدى.
15يوسىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوھانان، ئىككىنچى ئوغلى يەھوئاكىم، ئۈچىنچى ئوغلى زەدەكىيا، تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم ئىدى.
16يەھوئاكىمنىڭ ئوغۇللىرى: ئوغلى يەكونىياھ بىلەن ئوغلى زەدەكىيا.
17سۈرگۈن قىلىنغان يەكونىياھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ شېئالتىئەل ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى؛
18يەنە مالقىرام، پەداياھ، شەناززار، يەكامىيا، ھوشاما ۋە نەبادىيا ئىدى.
19پەداياھنىڭ ئوغۇللىرى زەرۇببابەل بىلەن شىمەي ئىدى؛ زەرۇببابەلنىڭ پەرزەنتلىرى: ــ مەشۇللام بىلەن ھانانىيا ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شېلومىت ئىدى؛
20ئۇنىڭ يەنە ھاشۇباھ، ئوھەل، بەرەكىيا، ھاسادىيا، يۇشاب-ھەسەد قاتارلىق بەش ئوغلى بار ئىدى.
21ھانانىيانىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا ۋە يەشايا ئىدى؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە رېفايانىڭ ئوغۇللىرى، ئارناننىڭ ئوغۇللىرى، ئوبادىيانىڭ ئوغۇللىرى ۋە شېكانىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
22شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئۇنىڭ ئوغلى شېمايا؛ شېمايانىڭ ئوغۇللىرى ھاتتۇش، يىگېئال، بارىيا، نېئارىيا، شافات بولۇپ جەمئىي ئالتە ئىدى.
23نېئارىيانىڭ ئوغۇللىرى ئەليويىناي، ھەزەكىيا، ئازرىكام بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئىدى.
24ئەليويىناينىڭ ئوغۇللىرى خوداۋىيا، ئەلىياشىب، پەلايا، ئاككۇب، يوھانان، دېلايا، ئانانى بولۇپ جەمئىي يەتتە ئىدى.