Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناھاش ئۆلدى؛ ئوغلى ھانۇن ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
2داۋۇت‫‪:‬‬ «ناھاش ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتىمەن» دەپ، ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوراشقا ھانۇننىڭ يېنىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى ئاممونلارنىڭ زېمىنغا يېتىپ كېلىپ، كۆڭلىنى سورىغىلى ھانۇن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى.
3لېكىن ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ھانۇنغا‫‪:‬‬ «داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمىتىنى قىلىپ سىلىگە كۆڭۈل سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىشى بۇ يەرنى كۈزىتىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، چارلاش ئۈچۈن ئەمەسمىدۇ؟» ــ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ساقال‫‪‎-‎‬‬بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرگۈزىۋېتىپ ھەم كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈۋېتىپ ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى.
5بەزىلەر كېلىپ داۋۇتقا ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى، چۈنكى ئۇلار تولىمۇ ئىزا‫‪‎-‎‬‬ئاھانەتتە قالغانىدى. شۇڭا پادىشاھ ئۇلارغا‫‪:‬‬ «ساقال‫‪‎-‎‬‬بۇرۇتىڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار» دېدى.
6ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدى، ھانۇن ۋە ئاممونلار ئارام‫‪‎-‎‬‬ناھارائىم، ئارام‫‪‎-‎‬‬مائاكاھ ۋە زوباھدىن جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق لەشكەر ياللاشقا ئادەم ئەۋەتىپ مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى.
7ئۇلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مائاكاھ پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ياللىۋالدى؛ ئۇلار مەدەبانىڭ ئالدىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ جەڭ قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كېلىپ جەم بولۇشتى.
8داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ يوئاب بىلەن بارلىق ئەسكەر قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقاردى.
9ئاممونلار چىقىپ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى؛ جەڭگە ئاتلىنىپ چىققان پادىشاھلارمۇ دالادا ئايرىم سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى.
10يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى‫‪‎-‎‬‬كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى تاللاپ، سۇرىيلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا ئۇلارنى سەپتە تۇرغۇزدى؛
11ئۇ قالغان ئادەملىرىنى ئىنىسى ئابىشايغا تاپشۇردى، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ قىلىپ تەييارلىدى.
12يوئاب ئابىشايغا‫‪:‬‬ «ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي.
13جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ‫‪‎-‎‬‬ دېدى.
14ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى.
15سۇرىيلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ ئالدىدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. ئاندىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.
16سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، ئەلچى ئەۋەتىپ، ئەفرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى بولغان شوفاق ئۇلارغا يېتەكچى ئىدى.
17بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى يىغىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى. داۋۇتنىڭ سەپ تۈزگەنلىكىنى كۆرگەن سۇرىيلەر جەڭگە ئاتلاندى.
18سۇرىيلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يەتتە مىڭ جەڭ ھارۋىلىقنى ۋە قىرىق مىڭ پىيادە لەشكەرنى ئۆلتۈردى ۋە يەنە سۇرىيلەرنىڭ سەردارى شوفاقنى ئۆلتۈردى.

19ھادادئېزەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، داۋۇت بىلەن سۈلھ قىلىپ ئۇنىڭغا بېقىندى؛ شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئىككىنچى ئاممونىيلارغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان بولدى.