Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇلنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن زىكلاگدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان چاغدا مۇنۇ كىشىلەر داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى (ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا جەڭ قىلىشتا ياردەم بەرگەن باتۇرلاردىن ئىدى؛
2ئوقيا بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئاتالايتتى؛ ئۇلار سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان تۇغقانلىرى ئىدى)‫‪:‬‬
3ــ ئۇلارنىڭ يولباشچىسى ئاخىئېزەر، ئاندىن قالسا يوئاش بولۇپ، ئىككىسى گىبېئاھلىق شېمائاھنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يەنە ئازماۋەتنىڭ ئوغلى يەزىيەل بىلەن پەلەتمۇ؛ يەنە بەراكاھ بىلەن ئاناتوتلۇق يەھۇ،
4گىبېئونلۇق يىشمايامۇ بار ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز پالۋان» ئىچىدە باتۇر بولۇپ شۇ ئوتتۇزىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئىدى؛ يەنە يەرەمىيا، ياھازىيەل، يوھانان ۋە گەدەراتلىق يوزاباد،
5ئەلۇزاي، يەرىموت، بىئالىيا، شەمارىيا، خارۇفلۇق شەفاتىيا،
6كوراھلىقلاردىن بولغان ئەلكاناھ، يىشىيا، ئازارەل، يوئېزەر ۋە ياشوبېئاملار؛
7يەنە گەدورلۇق يەروھامنىڭ ئوغلى يوئېلاھ بىلەن زەبادىيا بار ئىدى.
8گاد قەبىلىسىدىن بەزىلەر چۆلدىكى قورغانغا بېرىپ داۋۇتقا بېقىندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە ماھىر، قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى بەئەينى شىرغا، چاققانلىقى بەئەينى تاغدىكى بۆكەنگە ئوخشايتتى.
9ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئېزەر، ئىككىنچىسى ئوبادىيا، ئۈچىنچىسى ئېلىئاب،
10تۆتىنچىسى مىشمانناھ، بەشىنچىسى يەرەمىيا،
11ئالتىنچىسى ئاتتاي، يەتتىنچىسى ئەلىيەل،
12سەككىزىنچىسى يوھانان، توققۇزىنچىسى ئەلزاباد،
13ئونىنچىسى يەرەمىيا، ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى.
14بۇلارنىڭ ھەممىسى گاد قەبىلىسىدىن، قوشۇن ئىچىدە سەردارلار ئىدى؛ ئەڭ كىچىكى يۈز لەشكەرگە، ئەڭ چوڭى مىڭ لەشكەرگە يېتەكچى ئىدى.
15بىرىنچى ئايدا، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقتىن ئاشقان چاغدا، دەريادىن ئۆتۈپ، شەرققە ۋە غەربكە قارايدىغان بارلىق جىلغىلاردىكىلەرنى تىرىپىرەن قىلىپ قاچۇرغانلار دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى.
16بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىنمۇ كىشىلەر قورغانغا كېلىپ داۋۇتقا بېقىنغان.
17داۋۇت چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ‫‪:‬‬ «ئەگەر سىلەر تىنچلىق نىيىتىدە ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، سىلەر بىلەن بىر جان بىر دىل بولىمەن، لېكىن قوللىرىمدا ھېچ ناھەقلىق بولمىغان مېنى دۈشمەنلىرىمگە سېتىۋەتمەكچى بولساڭلار، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى بۇنى نەزىرىگە ئېلىپ ھۆكۈم چىقارغاي!» ــ دېدى.
18بۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاننىڭ يولباشچىسى ئاماسايغا چۈشىۋىدى، ئۇ‫‪:‬‬ «ئاھ داۋۇت، بىز ساڭا بېقىندۇقمىز؛ ئاھ يەسسەنىڭ ئوغلى، بىز سەن بىلەن بىللىدۇرمىز؛ ئۆزۈڭگە ئامان‫‪‎-‎‬‬تىنچلىق، ئامان‫‪‎-‎‬‬تىنچلىق بولغاي! ساڭا ياردەم بەرگۈچىلەرگىمۇ ئامان‫‪‎-‎‬‬تىنچلىق بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا مەدەتكاردۇر» شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى ئېلىپ قېلىپ، «زەربىدار ئەترەت باشلىقلىرى» قىلدى.

19داۋۇت ئىلگىرى فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى (لېكىن ئۇلار فىلىستىيلەرگە ياردەم بەرمىدى، چۈنكى فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى‫‪:‬‬ «داۋۇت ئۆز غوجىسى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بېشىمىز كەتمەي قالمايدۇ!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى).
20داۋۇت زىكلاگقا قايتىپ بارغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى ئادناھ، يوزاباد، يەدىيايەل، مىكائىل، يوزاباد، ئېلىخۇ، زىلتايلار كېلىپ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ مىڭبېشىلىرى ئىدى.
21ئۇلار داۋۇت قاراقچىلارغا قارشى جەڭ قىلغاندا ئۇنىڭغا ياردەملەشتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار، قوشۇندىكى يولباشچىلار ئىدى.
22چۈنكى شۇ كۈنلەردە داۋۇتقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئادەملەر كېلىپ قوشۇلۇپ، خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك زور بىر قوشۇن بولۇپ كەتكەنىدى.
23پەرۋەردىگارنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قوراللانغان جەڭچىلەر يولباشچىلىرى بىلەن ھېبرونغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ ــ
24يەھۇدالاردىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغانلار جەمئىي ئالتە مىڭ سەككىز يۈز كىشى بولۇپ، ھەممىسى جەڭگە تەييارلانغانىدى.
25شىمېئونلاردىن جەڭگە تەييارلانغان باتۇر جەڭچىلەر جەمئىي يەتتە مىڭ بىر يۈز كىشى،
26لاۋىيلاردىن جەمئىي تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛
27يەھويادا ھارۇنلارنىڭ جەمەت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى.
28يەنە ياش بىر باتۇر جەڭچى زادوك ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن يىگىرمە ئىككى يولباشچى بار ئىدى.
29بىنيامىنلاردىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق‫‪‎-‎‬‬تۇغقانلىرىدىنمۇ ئۈچ مىڭ كىشى بار ئىدى؛ شۇ چاغقا قەدەر بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سائۇل جەمەتىنى قوللاپ كەلمەكتە ئىدى.
30ئەفرائىملاردىن، ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز‫‪‎-‎‬‬ئابروي تاپقان باتۇر ئەزىمەتلەر جەمئىي يىگىرمە مىڭ سەككىز يۈز كىشى ئىدى.
31ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئىچىدە نامى پۈتۈلگەن، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەشكە كەلگەنلەر جەمئىي ئون سەككىز مىڭ كىشى ئىدى.
32ئىسساكىرلاردىن زامان‫‪‎-‎‬‬ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىلنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان يولباشچىلار جەمئىي ئىككى يۈز كىشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرى ئۇلارنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى.
33زەبۇلۇنلاردىن جەڭگە تەييارلانغان، ھەرخىل قورال‫‪‎-‎‬‬ياراغلار بىلەن قوراللانغان، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغان، داۋۇتنىڭ ياردىمىگە كەلگەن جەمئىي ئەللىك مىڭ كىشى ئىدى.
34نافتالىلاردىن يولباشچى بولغان مىڭ كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارغا ئەگىشىپ قولىغا قالقان ۋە نەيزە ئالغانلار جەمئىي ئوتتۇز يەتتە مىڭ كىشىگە يېتەتتى.
35دانلاردىن جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي يىگىرمە سەككىز مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى.
36ئاشىرلاردىن جەڭگە چىقىپ قوشۇن سېپىگە ئاتلىنىشقا تەييار بولغان جەمئىي قىرىق مىڭ كىشى ئىدى.

37ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن قولىغا ھەرخىل قورال‫‪‎-‎‬‬ياراغ ئېلىپ جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى ئىدى.
38يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشى تەكشى بولۇپ، داۋۇتنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن بىر جان بىر دىل بولۇپ، ھېبرونغا كېلىشكەنىدى؛ قالغان ئىسرائىللارمۇ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەكچى بولۇشقانىدى.
39ئۇلار شۇ يەردە داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن بىللە يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ غىزالاندى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇلارغا تەييارلاپ قويۇشقانىدى.
40ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى خەلقلەر، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىلارنىڭ زېمىنىدىكىلەر ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە كالىلارغا ئارتىپ ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇلار زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر پوشكىلى، ئۈزۈم پوشكىلى، شاراب، زەيتۇن مېيى ۋە نۇرغۇن قوي‫‪‎-‎‬‬كالىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكەنىدى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىققا چۆمگەنىدى.