Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تارىخ-تەزكىرە «1»

تارىخ-تەزكىرە «1» 27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار ئىچىدە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھەربىي قىسىملارغا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق مەنسەپدارلار ئىدى. ئۇلار سانىغا قاراپ قىسىملارغا بۆلۈنگەنىدى. ئۇلار ھەر يىلى ئاي بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇراتتى، ھەر قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
2بىرىنچى ئايدىكى بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇنغا زابدىيەلنىڭ ئوغلى ياشوبىيام مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭ ئاشۇ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
3ئۇ پەرەز ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، بىرىنچى ئايدىكى ئاشۇ قوشۇن قىسمىنىڭ سەردارلىرىنى باشقۇراتتى.
4ئىككىنچى ئايدىكى نۆۋەتچى قوشۇنغا مەسئۇل كىشى ئاھوھلۇق دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئورۇنباسار سەردارى مىكلوت بار ئىدى؛ بۇ قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
5ئۈچىنچى ئايدىكى ئۈچىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئاشۇ قوشۇنىغا باش بولۇپ، ئۇنىڭدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
6بۇ بىنايا «ئوتتۇز پالۋان»نىڭ بىرى بولۇپ، ئاشۇ ئوتتۇز ئادەمنى باشقۇراتتى؛ ئۇنىڭ قىسمىدا يەنە ئۇنىڭ ئوغلى ئاممىزاباد بار ئىدى.
7تۆتىنچى ئايدىكى تۆتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى زەبادىيا ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
8بەشىنچى ئايدىكى بەشىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئىزراھلىق شامخۇت ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
9ئالتىنچى ئايدىكى ئالتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
10يەتتىنچى ئايدىكى يەتتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى پىلونلۇق ھەلەز بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
11سەككىزىنچى ئايدىكى سەككىزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى خۇشاتلىق سىببىكاي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
12توققۇزىنچى ئايدىكى توققۇزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
13ئونىنچى ئايدىكى ئونىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ماھاراي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
14ئون بىرىنچى ئايدىكى ئون بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم قەبىلىسىدىكى پىراتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
15ئون ئىككىنچى ئايدىكى ئون ئىككىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئوتنىيەل جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ھەلداي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.
16ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەنلەر تۆۋەندىكىلەر‫‪:‬‬ رۇبەنىيلار ئۈچۈن زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ شىمېئونىيلار ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى مائاكاھنىڭ ئوغلى شەفاتىيا؛
17لاۋىي قەبىلىسى ئۈچۈن كەمۇئەلنىڭ ئوغلى ھاسابىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ھارۇنىيلار ئۈچۈن جەمەت بېشى زادوك؛
18يەھۇدا قەبىلىسى ئۈچۈن داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئېلىخۇ قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ئىسساكارىيلار ئۈچۈن مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى قەبىلە باشلىقى ئىدى؛

19زەبۇلۇنىيلار ئۈچۈن ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ نافتالى قەبىلىسى ئۈچۈن ئازرىيەلنىڭ ئوغلى يەرىموت قەبىلە باشلىقى ئىدى؛
20ئەفرائىمىيلار ئۈچۈن ئازازىيانىڭ ئوغلى ھوشىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛
21گىلېئادتا ماكانلاشقان ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن زەكەرىيانىڭ ئوغلى ئىددو قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن ئابنەرنىڭ ئوغلى يائاسىيەل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛
22دان قەبىلىسى ئۈچۈن يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارەل قەبىلە باشلىقى ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى ئىدى.
23داۋۇت ئىسرائىللار ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپ قىلىمەن دېگەنىدى.
24زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب سانىنى ئېلىشقا كىرىشكەن، لېكىن تۈگىمىگەن؛ چۈنكى مۇشۇ ئىش ۋەجىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغان؛ شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ سانى «داۋۇت پادىشاھنىڭ يىلنامىلىرى» دېگەن خاتىرىگە كىرگۈزۈلمىگەن.
25پادىشاھنىڭ ئامبار‫‪‎-‎‬‬خەزىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادىيەلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئىدى؛ دالا، شەھەر، يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنت ۋە مۇنارلاردىكى ئامبار‫‪‎-‎‬‬خەزىنىلەرنى باشقۇرغۇچى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئىدى.
26ئېتىز‫‪‎-‎‬‬ئېرىقلاردا تېرىقچىلىق قىلغۇچىلارنى باشقۇرغۇچى كېلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى ئىدى؛
27ئۈزۈمزارلىقلارنى باشقۇرغۇچى راماھلىق شىمەي؛ ئۈزۈمزارلىقلاردىكى شاراب ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى شىفمىلىق زابدى؛
28شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى زەيتۇن ۋە ئۈجمە دەرەخلىرىنى باشقۇرغۇچى گەدەرلىك بائال‫‪‎-‎‬‬ھانان ئىدى؛ ماي ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى يوئاش؛
29شاروندا بېقىلىدىغان كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى شارونلۇق سىتراي؛ جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادلاينىڭ ئوغلى شافات؛
30تۆگىلەرنى باشقۇرغۇچى ئىسمائىللاردىن ئوبىل؛ ئېشەكلەرنى باشقۇرغۇچى مىرونوتلۇق يەھدىيا؛
31قوي پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى خاگارلىق يازىز ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار ئىدى.
32داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان مەسلىھەتچى بولۇپ، دانىشمەن ھەم تەۋرات خەتتاتچىسى ئىدى؛ خاقمونىنىڭ ئوغلى يەھىيەل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۇستازى ئىدى.
33ئاھىتوفەلمۇ پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى؛ ئاركلىق ھۇشاي پادىشاھنىڭ جان دوستى ئىدى.
34ئاھىتوفەلدىن كېيىن بىنايانىڭ ئوغلى يەھويادا بىلەن ئابىئاتار ئۇنىڭ ئورنىغا مەسلىھەتچى بولدى؛ يوئاب پادىشاھنىڭ قوشۇن سەردارى ئىدى.