Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش - يارىتىلىش 4

يارىتىلىش 4:4-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4ھابىلمۇ پادىسىدىن قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ يېغىدىن ھەدىيە سۇندى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى.  
5لېكىن قابىل ۋە ئۇنىڭ سۇنغىنىغا قارىمىدى. شۇ ۋەجىدىن قابىلنىڭ تولىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، چىرايى تۇتۇلدى.
6شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قابىلغا‫‪:‬‬ نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كېتىدۇ؟
7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا سېنى پايلاپ بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى.
8قابىل ئىنىسى ھابىلغا‫‪:‬‬ «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى.  
9پەرۋەردىگار قابىلغا‫‪:‬‬ ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ ــ دېدى.
10خۇدا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ!
11ئەمدى ئىنىڭنىڭ قولۇڭدا تۆكۈلگەن قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ، لەنەتكە ئۇچرايسەن.
12سەن يەرگە ئىشلىسەڭمۇ ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قۇۋۋىتىنى بەرمەيدۇ؛ سەن يەر يۈزىدە سەرسان بولۇپ، سەرگەردان بولىسەن، ــ دېدى.
13بۇنى ئاڭلاپ قابىل پەرۋەردىگارغا جاۋاب قىلىپ‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ بۇ جازايىمنى ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك!
14مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى.  
15لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ شۇنداق بولىدۇكى، كىمكى قابىلنى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ، ــ دېدى. شۇلارنى دەپ پەرۋەردىگار قابىلغا ئۇچرىغان بىرسى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر بەلگە قويۇپ قويدى.
16شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەمنىڭ مەشرىق تەرىپىدىكى نود دېگەن يۇرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

Read يارىتىلىش 4يارىتىلىش 4
Compare يارىتىلىش 4:4-16يارىتىلىش 4:4-16