1ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن.
2مەن ئۆزۈم بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئەھدەمنى بېكىتىپ، سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن، ــ دېدى.
3ئابرام ئۆزىنى تاشلاپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ ياتتى؛ خۇدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە سۆزلىشىپ مۇنداق دېدى: ــ
4ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: ــ سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن.
5شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئىسمىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئابرام ئاتالمايدۇ، بەلكى ئىسمىڭ ئىبراھىم بولىدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم.
6مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.
7مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ خۇداسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ ئارىسىدا ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە بۇ ئەھدەمنى تىكلەيمەن؛
8مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى، يەنى پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئەبەدىي بىر مۈلۈك سۈپىتىدە ئاتا قىلىمەن؛ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ــ دېدى.
9ئاندىن خۇدا ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ ئەھدەمنى تۇتقىن، ئۆزۈڭ ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇنى تۇتۇشى كېرەك.
10مەن سەن بىلەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭ بىلەن تۈزگەن، سىلەرنىڭ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان ئەھدەم شۇكى، ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەركەك خەتنە قىلىنسۇن.
11شۇنىڭ بىلەن سىلەر خەتنىلىكىڭلارنى كېسىۋېتىشىڭلار كېرەك؛ بۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.
12بارلىق ئەۋلادلىرىڭلار، نەسىلدىن-نەسىلگە ئاراڭلاردا، مەيلى ئۆيدە تۇغۇلغانلار بولسۇن، ياكى ئەۋلادىڭلاردىن بولماي ياتلاردىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممە ئەركەك سەككىز كۈنلۈك بولغاندا خەتنە قىلىنسۇن.
13ئۆيۈڭدە تۇغۇلغانلار بىلەن پۇلۇڭغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، مېنىڭ ئەھدەم تەنلىرىڭلاردا ئورناپ، ئەبەدىي بىر ئەھدە بولىدۇ.
14لېكىن خەتنىلىكى تۇرۇپ، تېخى خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان ھېسابلىنىپ، ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى.
15خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئايالىڭ ساراينى ئەمدى ساراي دەپ ئاتىمىغىن، بەلكى ئىسمى ساراھ بولسۇن.
16مەن ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. مەن دەرۋەقە ئۇنى بەرىكەتلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ؛ خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىدۇ، ــ دېدى.
17ئىبراھىم يەنە ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى.
18ئىبراھىم خۇداغا: ــ ئاھ، ئىسمائىل ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى! دېدى.
19خۇدا ئۇنىڭغا: ــ ياق، ئايالىڭ ساراھ جەزمەن ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. سەن ئۇنىڭغا «ئىسھاق» دەپ ئات قويغىن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن؛ بۇ ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان نەسلى بىلەن باغلىغان ئەبەدىي بىر ئەھدە سۈپىتىدە بولىدۇ.
20ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇنىڭ توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنى بەرىكەتلەپ، نەسلىنى كۆپەيتىپ، ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.
21بىراق ئەھدەمنى بولسا مەن كېلەر يىلى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ساراھ ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل ــ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن، ــ دېدى.
22خۇدا ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى.
23شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنىلا ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسمائىلنى، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغانلار ۋە پۇلغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى ئېلىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ خەتنە قىلدى.
24ئىبراھىمنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشقا كىرگەنىدى.
25ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى.
27ئىبراھىم بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل دەل شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خەتنە قىلىندى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە ئەر كىشىلەر، مەيلى ئۆيىدە تۇغۇلغان بولسۇن ياكى ياتتىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەتنە قىلىندى.