1قانائان زېمىنىدا ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى ئاچارچىلىقتىن باشقا يەنە بىر قېتىملىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەرار شەھىرىگە، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا باردى.
2پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ مۇنداق دېدى: ــ سەن مىسىرغا چۈشمەي، بەلكى مەن ساڭا كۆرسىتىپ بېرىدىغان يۇرتتا تۇرغىن.
3موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛
4نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛
5چۈنكى ئىبراھىم مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، تاپىلىغىنىم، ئەمرلىرىم، بەلگىلىمىلىرىم ۋە قانۇنلىرىمنى بەجا كەلتۈردى، ــ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەراردا تۇرۇپ قالدى.
7ئەمما ئۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئايالى توغرىسىدا سورىسا ئۇ: ــ بۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ، ــ دېدى؛ چۈنكى رىۋكاھ ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، ئىسھاق ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ»، دېسەم، بۇ يەرلىك ئادەملەر رىۋكاھنىڭ سەۋەبىدىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، ــ دەپ قورقتى.
8لېكىن ئۇ شۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دەرىزىدىن قارىۋىدى، مانا ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى.
9ئاندىن ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرىپ: ــ مانا، ئۇ جەزمەن سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن! سەن نېمە دەپ: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم»، دېدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ چۈنكى مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ــ دېدى.
10ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى.
11ئاندىن ئابىمەلەك ھەممە خەلققە بۇيرۇپ: ــ كىمكى بۇ كىشىگە ۋە ياكى خوتۇنىغا قول تەگكۈزسە جەزمەن ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ، ــ دەپ يارلىق چۈشۈردى.
12ئىسھاق ئۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلدى: ئۇ شۇ يىلى يەردىن يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىگەنىدى.
13بۇ كىشى باش كۆتۈرۈپ، بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، تولىمۇ كاتتا كىشىلەردىن بولۇپ قالدى.
14ئۇنىڭ قوي-كالا پادىلىرى ۋە ئۆيىدىكى قۇللىرى ئىنتايىن كۆپەيدى؛ فىلىستىيلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى.
15بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ كۈنلىرىدە ئاتىسىنىڭ قۇللىرى كولىغان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.
16ئابىمەلەك ئىسھاققا: ــ سەن بىزدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتىڭ، ئەمدى ئارىمىزدىن چىقىپ كەتكىن، ــ دېدى.
17ئىسھاق ئۇ يەردىن كېتىپ، گەرار ۋادىسىغا چېدىر تىكىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
18ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا قۇللىرى بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازغانىدى؛ بىراق ئىبراھىم ئۆلگەندىن كېيىن، فىلىستىيلەر بۇلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق بۇ قۇدۇقلارنى قايتىدىن كولىتىپ، ئۇلارغا ئاتىسى ئىلگىرى قويغان ئىسىملارنى يەنە قويدى.
19ئىسھاقنىڭ قۇللىرى ۋادىدا قۇدۇق كولاۋاتقاندا سۇلىرى ئۇرغۇپ چىقىپ ئاقىدىغان بىر قۇدۇقنى تېپىۋالدى.
20لېكىن گەراردىكى پادىچىلار ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرىدىن ئۇنى تالىشىپ: ــ بۇ سۇ بىزنىڭكىدۇر، ــ دېدى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن جېدەللەشكەچكە، ئۇ بۇ قۇدۇقنى «ئېسەك» دەپ ئاتىدى.
21ئۇلار يەنە باشقا بىر قۇدۇقنى كولىدى، ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق توغرىسىدا جېدەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق بۇنىڭ ئىسمىنى «سىتناھ» دەپ ئاتىدى.
22ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، باشقا يەرگە بېرىپ، شۇ يەردىمۇ يەنە بىر قۇدۇق كولىدى؛ ئەمدى گەراردىكىلەر بۇ قۇدۇقنى تالاشمىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۇنىڭ ئېتىنى «رەھوبوت» قويۇپ: «ئەمدى پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن جاي بەرگەنىكەن، بۇ زېمىندا مېۋىلىك بولىمىز»، ــ دېدى.
23ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ بەئەر-شېباغا باردى.
24پەرۋەردىگار شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىمەن، سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى قۇلۇم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن ئاۋۇتىمەن، ــ دېدى.
25ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى. ئۇ شۇ يەردە چېدىرىنى تىكتى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى شۇ يەردە بىر قۇدۇق كولىدى.
26ئەمدى ئابىمەلەك، ئاغىنىسى ئاھۇززات بىلەن لەشكەربېشى فىكول بىرگە گەراردىن چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا باردى.
27ئىسھاق ئۇلارغا: ــ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى ئاراڭلاردىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قېشىمغا كەلدىڭلار؟ ــ دېدى.
29ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغىنىنى روشەن بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنىڭ توغراڭدا: «ئوتتۇرىمىزدا بىر كېلىشىم بولسۇن، يەنى بىزلەر بىلەن سەن بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئەھدە قىلىشايلى» دېدۇق؛ شۇ ۋەجىدىن سەن بىزگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەيسەن؛ بىز ساڭا ھېچ تەگمىگىنىمىزدەك، شۇنداقلا ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچبىر نېمە قىلمىغىنىمىزدەك (بەلكى سېنى ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يولۇڭغا ئەۋەتكەنىدۇق) سەنمۇ شۇنداق قىلغايسەن. مانا ھازىر سەن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت-بەرىكەت كۆرۈۋاتىسەن! ــ دېيىشتى.
30شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر زىياپەت قىلىپ بەردى. ئۇلار بولسا يەپ-ئىچتى.
31ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار قوپۇپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلىشتى؛ ئاندىن ئىسھاق ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ قېشىدىن ئامان-ئېسەن كەتتى.
32ئۇ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى كولىغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: «بىز سۇ تاپتۇق!» دېدى.
33ئۇ ئۇنىڭ نامىنى «شېباھ» قويدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بۈگۈنگىچە «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
34ئەساۋ قىرىق ياشقا كىرگەندە، ھىتتىيلاردىن بولغان بەئەرىنىڭ قىزى يەھۇدىت بىلەن ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالدى.
35ئەمما بۇلار ئىسھاق بىلەن رىۋكاھنىڭ كۆڭلىگە ئازاب ئېلىپ كەلدى.