1يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى.
2ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدە بولغان تېۋىپلارغا ئاتىسىنى مۇمىيا قىلىشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار ئىسرائىلنى مۇمىيا قىلدى.
3بۇنى قىلىشقا قىرىق كۈن كەتتى، چۈنكى مۇمىيا قىلىشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.
5ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇش كۈنلىرى ئۆتۈپ بولغاندا، يۈسۈپ پىرەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە: ــ مەن نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپقان بولسام، پىرەۋننىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىڭلاركى: ــ ئاتام ماڭا قەسەم قىلدۇرۇپ: «مانا مەن ئۆلىمەن؛ سەن مېنى مەن قانائان زېمىنىدا ئۆزۈم ئۈچۈن كولاپ قويغان گۆرگە دەپنە قىلغىن» دېگەنىدى. ئەمدى پىرەۋن ماڭا ئىجازەت بەرگەي، مەن بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ بولۇپ يېنىپ كەلسەم، ــ دېدى.
6پىرەۋن جاۋابەن: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭگە ئاتاڭ قەسەم قىلدۇرغاندەك ئۇنى دەپنە قىلغىن، دېدى.
7شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. پىرەۋننىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم مىسىر زېمىنىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭدى.
8يۈسۈپنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىللە باردى؛ ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى، قوي-كالا پادىلىرىنى گوشەن يۇرتىدا قويۇپ كەتتى.
9ئۇنىڭ بىلەن يەنە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ بىللە باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن بولدى.
10ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئاتادنىڭ خامىنى»غا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە قاتتىق ۋە ھەسرەتلىك يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاشتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى.
11شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر.
12ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە تاپىلىغىنىدەك قىلدى؛
13ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى.
14يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ھەممە خەلقلەر مىسىرغا يېنىپ كەلدى.
15لېكىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: ــ ئەمدى يۈسۈپ بىزگە دۈشمەن بولۇپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق يامانلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ياندۇرارمىكىن، دېيىشتى.
16ئۇلار يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئاتىلىرى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ تاپىلاپ: ــ
17«سىلەر يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ ساڭا رەزىللىك قىلغانىدى؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ھەم گۇناھىنى كەچۈرگىن! ــ دەڭلار» ــ دېگەنىدى. ھازىر سىلىدىن ئۆتۈنۈمىزكى، ئاتىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرگەيلا! ــ دېدى. يۈسۈپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى.
18ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ: ــ مانا، بىز سىلىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز! ــ دېدى.
19لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟
20سىلەر دەرۋەقە ماڭا شۇ ئىشنى يامان نىيەت بىلەن قىلدىڭلار؛ لېكىن خۇدا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ياخشىلىققا بېكىتكەنىدى.
21شۇڭا ئەمدى قورقماڭلار؛ مەن ھەم سىلەرنى ھەم بالا-چاقىلىرىڭلارنى باقىمەن، ــ دېدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ مېھىرلىك گەپ قىلدى.
22يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن بىللە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى.
23بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى.
24يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى.
25ئاندىن يۈسۈپ يەنە قېرىنداشلىرىغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم يوقلايدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىڭلار كېرەك»، ــ دېدى.
26يۈسۈپ بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەندە ۋاپات تاپتى. ئۇلار ئۇنى مۇمىيا قىلىپ، مىسىردا بىر مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى.