1تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ
2يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى.
3گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە تورگاماھ ئىدى.
4ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلىشاھ، تارشىش، كىتتىيلار ۋە دودانىيلار ئىدى.
5بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ئايرىم-ئايرىم ياشىغان خەلقلەر بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تىلى، ئۆز ئائىلە-قەبىلىلىرى بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.
6ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائانلار ئىدى.
7كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائاماھنىڭ ئوغۇللىرى شېبا ۋە دېدان ئىدى.
8كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ چىقتى.
9ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى؛ شۇ سەۋەبتىن «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالغان.
10ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەردە باشلانغانىدى.
12ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى).
13مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار،
14پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى.
15قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن.
16ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار،
17ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار،
18ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قانائانىيلارنىڭ قەبىلىلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى.
19قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى.
20يۇقىرىقىلار بولسا ھامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
21شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى.
22شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛
23ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، ماش ئىدى.
24ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى.
25ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.
26يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ،
27ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ،
28ئوبال، ئابىمائەل، شېبا،
29ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
30ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى.
31يۇقىرىقىلار بولسا شەمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
32يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز نەسەبلىرى ۋە قوۋملىرى بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىنكى يەر يۈزىدىكى بارلىق قوۋملار ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تارقالغان.