Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن‫‪:‬‬ ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
2ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ.
3ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا‫‪:‬‬ «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى.
4يىلان ئايالغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر!
5بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى.
6ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى.   
7يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى.
8كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
9لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ سەن نەدە؟ ــ دېدى.
10ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى.
11خۇدا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ‫‪‎-‎‬‬يا؟ ــ دېدى.
12ئادەم جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى.
13پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا‫‪:‬‬ ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى.
14پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال‫‪‎-‎‬‬چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتگە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن.
15ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن».  
16ئاندىن خۇدا ئايالغا‫‪:‬‬ ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتلىرىنى كۆيەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى.  
17ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا‫‪:‬‬ ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر‫‪‎-‎‬‬تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن.  
18يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت‫‪‎-‎‬‬ئوتياشلارنى يەيسەن.

19تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز‫‪‎-‎‬‬كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى.
20ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى.
21پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى.  
22پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك، دېدى.
23شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى.
24ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى.