Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى‫‪:‬‬ ــ سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن، ئۆز ئۇرۇق‫‪‎-‎‬‬تۇغقانلىرىڭدىن ۋە ئۆز ئاتا جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن.
2شۇنداق قىلساڭ مەن سېنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىپ، ساڭا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت بولىسەن؛
3كىملەر ساڭا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە‫‪‎-‎‬‬قەبىلىلەرگە بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى.    
4ئابرام پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقىنى بويىچە ھاراندىن ئايرىلدى؛ لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئابرام ھاراندىن چىققىنىدا يەتمىش بەش ياشتا ئىدى.
5ئابرام ئايالى ساراي بىلەن ئىنىسىنىڭ ئوغلى لۇتنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ يىغقان بارلىق مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكىنى قوشۇپ، ھاراندا ئىگىدارچىلىق قىلغان ئادەملەرنى بىللە قېتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار قانائان زېمىنىغا يېتىپ كەلدى.
6ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى).
7پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى.  
8ئاندىن ئۇ بۇ يەردىن يۆتكىلىپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلنىڭ شەرقىدىكى تاغقا باردى؛ غەرب تەرىپىدە بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەل، شەرق تەرىپىدە ئايى دېگەن جاي بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە چېدىر تىكتى. ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى.
9ئاندىن كېيىن ئابرام تەدرىجىي كۆچۈپ، جەنۇبىدىكى نەگەۋ رايونىغا قاراپ يۆتكەلدى.
10زېمىندا ئاچارچىلىق بولغانىدى؛ ئابرام مىسىرغا چۈشتى؛ ئۇ شۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولغانىدى، چۈنكى زېمىندا ئاچارچىلىق بەك ئېغىر ئىدى.
11ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا، ئايالى سارايغا‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن سېنىڭ ھۆسۈن‫‪‎-‎‬‬جامالىڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىمەن.
12شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، «بۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن» دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، سېنى تىرىك قالدۇرىدۇ.
13شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ‫‪:‬‬ «مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى» دېيىشىڭنى ئۆتىنىمەن. شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنىڭدىن ياخشىلىق تېپىپ، سەن ئارقىلىق تىرىك قالىمەن، ــ دېدى.
14ئابرام مىسىرغا كىرگەندە شۇنداق بولدىكى، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئايالنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردى.
15پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرىمۇ ئۇنى كۆرۈپ، پىرەۋنگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايال پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىلدى.
16پىرەۋن ساراينىڭ سەۋەبىدىن ئابرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوي، كالا، ھاڭگا ئېشەكلەر، قۇل‫‪‎-‎‬‬دېدەكلەر، مادا ئېشەكلەر ۋە تۆگىلەرگە ئېرىشتى.
17ئەمما پەرۋەردىگار پىرەۋن ۋە ئۆيىدىكىلىرىنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينىڭ سەۋەبىدىن تولىمۇ ئېغىر ۋابالارغا مۇپتىلا قىلدى.
18شۇنىڭ ئۈچۈن پىرەۋن ئابرامنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ «بۇ زادى سېنىڭ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟

19نېمىشقا ئۇنى «سىڭلىم» دەپ مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەبكار بولغىلى تاس قالىسەن! مانا بۇ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ كەتكىن! ــ دېدى.
20پىرەۋن ئۆز ئادەملىرىگە ئابرام توغرىسىدا ئەمر قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى، ئايالىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىقىنى قوشۇپ يولغا سېلىۋەتتى.