1بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى.
2بىرسى ياقۇپقا: ــ مانا ئوغلۇڭ يۈسۈپ قېشىڭغا كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىۋىدى، ئىسرائىل كۈچەپ قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى.
3ياقۇپ يۈسۈپكە: ــ ھەممىگە قادىر تەڭرى ماڭا قانائان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا ئايان بولۇپ، مېنى بەرىكەتلەپ
4ماڭا: مانا، مەن سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سېنى ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن، سەندىن بىر تۈركۈم خەلق چىقىرىمەن؛ بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە ئەبەدىي مىراس قىلىپ بېرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى.
5ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ.
6ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ.
7ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى.
8ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا قاراپ: ــ بۇلار كىمدۇر، ــ دەپ سورىدى.
9يۈسۈپ ئاتىسىغا جاۋابەن: ــ بۇلار بولسا خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر، ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇلارنى ئالدىمغا يېقىن كەلتۈرگىن، مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەي، ــ دېدى.
10ئەمدى ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقىدىن غۇۋالىشىپ ياخشى كۆرەلمەيتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنراق كەلتۈردى؛ ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى.
11ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلەيمەن دەپ ھېچ ئويلىمىغانىدىم؛ لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى، ــ دېدى.
12يۈسۈپ بالىلارنى ياقۇپنىڭ تىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېلىپ، يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى.
13ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى.
14لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى.
15ئۇ يۈسۈپكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ: ــ ئاتىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق خۇدا دەپ بىلىپ يۈزى ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتكۈل ئۆمرۈمدە بۇ كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ بېقىپ كەلگەن خۇدا،
16ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى.
17يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ،
18ئاتىسىغا: ــ- ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى.
19لېكىن ئاتىسى رەت قىلىپ: ــ بىلىمەن، ئى ئوغلۇم، بىلىمەن؛ ئۇنىڭدىنمۇ بىر قوۋم چىقىپ، ئۆزىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئەمما دەرھەقىقەت ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ نەسلىدىن ناھايىتى كۆپ قوۋملار پەيدا بولىدۇ، ــ دېدى.
20شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى.
21ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە يەنە: ــ مانا، مەن ئۆلىمەن؛ لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ.
22مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم؛ شۇ يەرنى ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم.