Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمما ئابرامنىڭ ئايالى ساراي ئۇنىڭغا ھېچ بالا تۇغۇپ بەرمىدى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى؛
2ساراي ئابرامغا‫‪:‬‬ ــ مانا، پەرۋەردىگار مېنى تۇغۇشتىن توستى. ئەمدى سەن مېنىڭ دېدىكىمنىڭ قېشىغا كىرگىن؛ بەلكىم ئۇ ئارقىلىق ئانا بولۇپ تىكلىنىشىم مۇمكىن، ــ دېدى. ئابرام بولسا ساراينىڭ سۆزىنى قوبۇل كۆردى.
3شۇنىڭ بىلەن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي دېدىكى مىسىرلىق ھەجەرنى ئۆز ئېرى ئابرامغا توقاللىققا ئاپىرىپ بەردى (ئۇ ۋاقىتتا ئابرام قانائان زېمىنىدا ئون يىل ئولتۇرغانىدى).
4ئابرام ھەجەرنىڭ قېشىغا كىردى ۋە ئۇ ھامىلىدار بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى بىلگىنىدە، ئۇ ئايال خوجايىنىنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قالدى.
5ساراي ئابرامغا قېيىداپ‫‪:‬‬ ــ ماڭا چۈشكەن بۇ خورلۇق سېنىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! مەن ئۆز دېدىكىمنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم؛ ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە كۆزگە ئىلىنمىدىم. خەير، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى.
6ئابرام سارايغا‫‪:‬‬ ــ مانا، دېدىكىڭ ئۆز قولۇڭدىدۇر؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ساراي ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىشقا باشلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتتى.
7ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا، يەنى شۇر يولىنىڭ بويىدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدىن تېپىپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬
8ئەي ساراينىڭ دېدىكى ھەجەر، نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مەن خوجايىنىم ساراينىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقتىم، ــ دېدى.
9پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئايال خوجايىنىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا بول، ــ دېدى.
10پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە‫‪:‬‬ ــ سېنىڭ نەسلىڭنى شۇنداق ئاۋۇتىمەنكى، كۆپلۈكىدىن ئۇنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، ــ دېدى.
11ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ مانا، سەن ھامىلىدارسەن؛ سەن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ جەبىر‫‪‎-‎‬‬جاپايىڭنى ئاڭلىدى.
12ئۇ ياۋا ئېشەك كەبى بىر ئادەم بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قولى ھەر ئادەمگە قارشى ئۇزىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھەر ئادەمنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزىتىلىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئايرىم تۇرىدۇ، دېدى.  
13ھەجەر ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىگە‫‪:‬‬ «مەن مۇشۇ يەردە مېنى كۆرگۈچىنى ئارقىسىدىن كۆردۈم» دەپ، ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى‫‪:‬‬ «سەن مېنى كۆرگۈچى تەڭرىدۇرسەن» دەپ ئاتىدى.
14شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇدۇق‫‪:‬‬ «بەئەر‫‪‎-‎‬‬لاھاي‫‪‎-‎‬‬روي» دەپ ئاتالدى. ئۇ قادەش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدىدۇر.  
15ھەجەر ئابرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئابرام ھەجەر ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى.
16ھەجەر ئابرامغا ئىسمائىلنى تۇغۇپ بەرگەندە ئابرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى.