1ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى ئالغانىدى.
2ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباق ۋە شۇئاھنى تۇغۇپ بەردى.
3يوقشاندىن شېبا بىلەن دېدان تۆرەلدى؛ دېداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىيلار، لېتۇشىيلار ۋە لېئۇممىيلار ئىدى.
4مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
5ئىبراھىم بارلىقىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى؛
6ئىبراھىم تېخى ھايات ۋاقتىدا كىچىك خوتۇنلىرىدىن بولغان ئوغۇللىرىغا ھەدىيەلەرنى بېرىپ، ئاندىن بۇلارنى ئوغلى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.
8ئىبراھىمنىڭ ئۆمرىنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز يەتمىش يىل بولدى؛ ئۇ تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى؛ ئۇ ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى.
9ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ھىتتىي زوھارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ماكپيلاھنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى.
10بۇ ئېتىزلىقنى ئىبراھىم ھىتتىيلاردىن سېتىۋالغانىدى؛ مانا بۇ يەرلىككە ئىبراھىم دەپنە قىلىندى، ئايالى ساراھمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى.
11ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاقنى بەرىكەتلىدى. ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روينىڭ يېنىدا تۇراتتى.
12تۆۋەندىكىلەر ساراھنىڭ مىسىرلىق دېدىكى ھەجەردىن تۇغۇلغان، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ
13ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ــ ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت؛ ئاندىن كېدار، ئادبەئەل، مىبسام،
14مىشما، دۇماھ، ماسسا،
15ھاداد بىلەن تېما، يەتۇر بىلەن نافىش ۋە قەدەماھ ئىدى.
16بۇلار بولسا ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەنت ۋە چېدىرگاھلىرى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىگە ئەمىر بولغانىدى.
17ئىسمائىلنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى؛ ئۇ ئاخىرقى نەپسىنى تارتىپ ۋاپات بولۇپ، ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى.
18ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى.
19ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر: ــ ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى.
20ئىسھاق پادان-ئارامدا ئولتۇرۇشلۇق ئارامىي بېتۇئەلنىڭ قىزى، ئارامىي لاباننىڭ سىڭلىسى بولغان رىۋكاھنى خوتۇنلۇققا ئالغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى.
21ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى.
22ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ: ــ ئەگەر بۇنداقلىقىنى بىلسەم، ھامىلىدار بولۇپ نېمە قىلاتتىم؟ ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن سەۋەبىنى سورىغىلى باردى.
23پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى ئەل باردۇر، ئىچىڭدىن ئىككى خەلق چىقىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، بىر خەلق يەنە بىر خەلقتىن غالىب كېلىدۇ، چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېدى.
24ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشقاندا، مانا ئۇنىڭ قورسىقىدا دەرۋەقە بىر جۈپ قوشكېزەك بار ئىدى.
25ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى جۇۋىدەك تۈكلۈك ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ دەپ قويدى.
26ئاندىن ئىنىسى قولى بىلەن ئەساۋنىڭ تاپىنىنى تۇتقان ھالدا چىقتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپ دەپ قويۇلدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق ئاتمىش ياشتا ئىدى.
27بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولدى؛ ئەساۋ ماھىر ئوۋچى بولۇپ، دالا-جاڭگالدا يۈرىدىغان ئادەم بولدى. ياقۇپ بولسا دۇرۇس ئادەم بولۇپ، چېدىرلاردا تۇراتتى.
28ئىسھاق ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشىدىن دائىم يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىۋكاھ ياقۇپقا ئامراق ئىدى.
29بىر كۈنى ياقۇپ پۇرچاق شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى؛ ئەساۋ دالادىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەلدى.
30ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى).
31ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، تۇنجىلىق ھوقۇقۇڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ــ دېدى.
32ئەساۋ: ــ مەن ئۆلەي دەۋاتىمەن، بۇ تۇنجىلىق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى.
33ياقۇپ: ــ ئەمىسە ھازىر ماڭا قەسەم قىلغىن، دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ياقۇپقا سېتىپ بەردى.
34شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئەساۋغا نان بىلەن قىزىل پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئۇ يەپ-ئىچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەساۋ تۇنجىلىق ھوقۇقىغا شۇنچە ئېتىبارسىز قارىغانىدى.