Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ‫‪:‬‬ «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى.  
2لېكىن ئابرام‫‪:‬‬ ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي‫‪‎-‎‬‬بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى.
3ئابرام يەنە‫‪:‬‬ مانا، سەن ماڭا ھېچ نەسىل بەرمىدىڭ، مانا ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلاردىن بىرى ماڭا ۋارىس بولىدۇ، دېدى.
4شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى ئۇنىڭغا كېلىپ‫‪:‬‬ «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولىدىغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ»، ــ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ‫‪:‬‬ ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى.
6ئابرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشەنچنى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلىدى.
7يەنە ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ مەن بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىشقا سېنى كالدىيەدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، ــ دېدى.
8لېكىن ئابرام‫‪:‬‬ ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.
9پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر چىشى ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار بىلەن بىر كەپتەر ۋە بىر باجكا ئېلىپ كەلگىن، ــ دېدى.
10شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرسىنى يېرىمدىن ئىككى پارچە قىلىپ، يېرىمىنى يەنە بىر يېرىمىغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قىلىپ قويۇپ قويدى؛ ئەمما قۇشلارنى پارچىلىمىدى.
11قاغا‫‪‎-‎‬‬قۇزغۇنلار تاپلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، ئابرام ئۇلارنى ئۈركۈتۈپ ھەيدىۋەتتى.
12لېكىن كۈن پاتاي دېگەندە، ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە، توم قاراڭغۇلۇق چۈشتى.
13ئاندىن پەرۋەردىگار ئابرامغا‫‪:‬‬ ــ جەزمەن بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان بىر زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ خەلق ئۇلارغا تۆت يۈز يىلغىچە جەبىر‫‪‎-‎‬‬زۇلۇم سالىدۇ.
14لېكىن مەن ئۇلارنى قۇللۇققا سالغۇچى شۇ تائىپىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كېيىن ئۇلار نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ شۇ يەردىن چىقىدۇ.
15ئەمما سەن بولساڭ، ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىنىسەن.  
16لېكىن شۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ، نەسلىڭ بۇ يەرگە يېنىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىدى، دېدى.  
17شۇنداق بولدىكى، كۈن پېتىپ قاراڭغۇ بولغاندا، مانا، گۆشلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەك چىقىپ تۇرغان بىر ئوتدان بىلەن يالقۇنلۇق بىر مەشئەل كۆرۈندى.
19دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار،

20ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار،
21ئامورىيلار، قانائانىيلار، گىرگاشىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىنى ئۇلارنىڭكى قىلىمەن» دېدى.