1ئىبراھىم قېرىپ، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا ھەر تەرەپتە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى.
2ئىبراھىم ئۆيىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر خىزمەتكارى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارغا: ــ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن؛
3مەن سېنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسى شۇنداقلا يەرنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرىمەنكى، سەن مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇ قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ بەرمەي،
4بەلكى ئۆز يۇرتۇمغا، شۇنداقلا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇم ئىسھاققا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن، ــ دېدى.
5خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: ــ مۇبادا ئۇ قىز مەن بىلەن بۇ يۇرتقا كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرى چىققان شۇ يۇرتقا ئوغۇللىرىنى ياندۇرۇپ ئاپىرامدىمەن؟ ــ دېدى.
6ئىبراھىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھېزى بول، ئوغلۇمنى ھەرگىز شۇ يەرگە ياندۇرۇپ بارمىغىن!
7مېنى ئاتامنىڭ ئۆيى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن يېتەكلەپ ئېلىپ كەلگۈچى، يەنى ماڭا سۆز قىلىپ: ــ «سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ يۇرتنى بېرىمەن»، دەپ ماڭا قەسەم قىلغان، ئاسماننىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ يەردىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ كېلەلەيسەن.
8شۇنداقتىمۇ، ئەگەر قىز سەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، مەن ساڭا قىلدۇرىدىغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئەمما ئوغلۇمنى ئۇ يەرگە ھەرگىز ياندۇرۇپ بارمىغىن، ــ دېدى.
9شۇنىڭ بىلەن خىزمەتكار قولىنى خوجىسى ئىبراھىمنىڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى.
10ئاندىن خىزمەتكار بۇ توغرىدا خوجىسىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى، شۇنداقلا خوجىسىنىڭ ھەرخىل ئېسىل نەرسىلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقتى؛ ئۇ ئارام-ناھارائىم رايونىغا سەپەر قىلىپ، ناھورنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
11ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكۈندۇردى: بۇ كەچقۇرۇن، قىز-ئاياللارنىڭ سۇ تارتقىلى چىقىدىغان چېغى ئىدى.
12ئۇ دۇئا قىلىپ: ــ ئەي خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭغا تارتقايسەن، خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.
13مانا مەن بۇ يەردە قۇدۇقنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمەن ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىۋاتىدۇ.
14ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: «كوزمزىكىڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام بوپتىكەن!» دېسەم، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مانا ئىچكىن، مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېسە، ئۇ قىز سەن قۇلۇڭ ئىسھاققا بېكىتكىنىڭنىڭ ئۆزى بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت قىلغىنىڭنى بىلەلەيمەن، ــ دېدى.
15ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى؛ ئۇ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكاھتىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى ئىدى؛
16قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ھېچ ئەر كىشى تەگمىگەن پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ، كومزەكنى تولدۇرۇپ ئاندىن چىقتى.
17خىزمەتكار ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، كومزىكىڭتىن ئازغىنا سۇ ئوتلىۋالاي، دېدى.
18ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىچكەيلا، ئەي خوجام! دەپلا، كومزەكنى دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن سۇندى.
19ئۇ سۈيىدىن ئۇنىڭغا قانغۇچە ئىچكۈزگەندىن كېيىن: ــ تۆگىلىرىگىمۇ قانغۇچە سۇ ئىچكۈزۈپ قوياي، ــ دېدى.
20شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئولاققا تۆكۈۋېتىپ، يەنە قۇدۇققا سۇ تارتقىلى يۈگۈرۈپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ھەممە تۆگىلىرىگە سۇ تارتىپ بەردى.
21ئۇ كىشى ئۇنىڭغا كۆزىنى تىككىنىچە جىمجىت تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوڭ قىلغان، قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتاتتى.
22تۆگىلەر سۇ ئىچىپ قانغاندا، شۇنداق بولدىكى، ھېلىقى كىشى يېرىم شەكەللىك بىر ئالتۇن بۇرۇن ھالقىسى بىلەن ئىككى قولىغا ئون شەكەللىك ئالتۇن بىلەزۈكنى چىقىرىپ قىزغا بېرىپ ئۇنىڭغا:
23سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ماڭا دەپ بەرسەڭ! ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغۇدەك جاي بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
24قىز ئۇنىڭغا: ــ مەن مىلكاھنىڭ ناھورغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى،
25يەنە ئۇنىڭغا: ــ بىزنىڭكىدە سامان بىلەن بوغۇز كەڭرى، سىلەرگە قونغىلى جايمۇ بار، ــ دېدى.
26شۇئان بۇ ئادەم ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىپ:
27ئۆز شاپائىتى بىلەن خوجامدىن ۋاپادارلىقىنى ئايىمىغان، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي! پەرۋەردىگار بۇ سەپىرىمدە مېنى خوجامنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرغان ئۆيگە باشلاپ كەلدى! ــ دېدى.
28قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىنىڭ ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ بەردى.
29ئەمدى رىۋكاھنىڭ لابان دېگەن بىر ئاكىسى بار ئىدى. لابان قۇدۇقنىڭ بېشىغا، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ چىقتى.
30چۈنكى ئۇ سىڭلىسىنىڭ بۇرۇن ھالقىسىنى ۋە قوللىرىدىكى بىلەزۈكلەرنى كۆرۈپ، ھەمدە سىڭلىسىنىڭ: ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق-مۇنداق دېدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا باردى. مانا، ئۇ كىشى قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنىڭ قېشىدا تۇراتتى.
31لابان ئۇنىڭغا: ــ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئاتا قىلىنغۇچى، كىرگەيلا! نېمە ئۈچۈن تاشقىرىدا تۇردىلا؟ مەن ئۆينى تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي راسلىدىم، ــ دېدى.
32ئۇ ئادەم ئۆيگە كىردى؛ لابان تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە سامان بىلەن بوغۇز بېرىپ، ئۇ كىشىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى؛
33ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا تائام قويۇلدى؛ لېكىن ئۇ: ــ مەن گېپىمنى دېمەي تۇرۇپ تائام يېمەيمەن، ــ دېدى. لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقايلا، دېدى.
34ئۇ: ــ مەن بولسام ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارىمەن؛
35پەرۋەردىگار خوجامغا كۆپ بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ئۇلۇغ بىر كىشى بولدى. ئۇ ئۇنىڭغا قوي بىلەن كالا، كۈمۈش بىلەن ئالتۇن، قۇل بىلەن دېدەكلەرنى، تۆگە بىلەن ئېشەكلەرنى بەردى.
36خوجامنىڭ ئايالى ساراھ قېرىغاندا خوجامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجام ئوغلىغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىدى.
37خوجام مېنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «سەن مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرمە،
38بەلكى جەزمەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن»، ــ دېدى.
39ئۇ ۋاقىتتا مەن خوجامغا: «ئۇ قىز مەن بىلەن كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟» ــ دېسەم،
40ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ: «تۇتقان يوللىرىم ئۇنىڭغا ئوچۇق بولغان پەرۋەردىگارىم ئۆز پەرشتىسىنى سېنىڭ بىلەن ئەۋەتىپ، يولۇڭنى ئوڭ قىلىدۇ. بۇ تەرىقىدە سەن مېنىڭ ئائىلىدىكىلىرىم ئارىسىدىن، ئاتامنىڭ جەمەتى ئىچىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرىسەن.
41شۇنداق قىلىپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، سەن مەن قىلدۇرغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئۇلار ساڭا قىزنى بەرمىسىمۇ ئوخشاشلا قەسەمدىن خالاس بولىسەن»، ــ دېگەنىدى.
42شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن بۇ سەپىرىمنى ئوڭ قىلساڭ: ــ
43مانا مەن سۇ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىمەن؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، سۇ تارتقىلى كەلگەن قىزغا: «كوزاڭدىن ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگەن بولساڭ»، دېسەم،
44ئۇ ماڭا: «سەن ئىچكىن، تۆگىلىرىڭگىمۇ سۇ تارتىپ بېرەي»، دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇنداقتا بۇ قىز دەل پەرۋەردىگار ئۆزى خوجامنىڭ ئوغلى ئۈچۈن بېكىتكەن قىز بولسۇن، دەپ دۇئا قىلغانىدىم.
45كۆڭلۈمدە تېخى سۆزۈم تۈگىمەيلا، مانا، رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ سۇ تارتتى؛ مەن ئۇنىڭغا: ــ ئىلتىپات قىلىپ، ماڭا سۇ ئىچكىلى قويساڭ، دېۋىدىم،
46ئۇ دەرھال كومزىكىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ: «ئىچكەيلا، تۆگىلىرىنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىچتىم؛ ئۇ تۆگىلىرىمنىمۇ سۇغىرىپ قويدى.
47ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: ــ كىمنىڭ قىزى بولىسەن، دەپ سورىسام، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ناھورنىڭ مىلكاھدىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈكلەرنى سېلىپ قويدۇم؛
48ئاندىن ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدىم؛ خوجامنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ يولۇمنى ئوڭ قىلغىنى ئۈچۈن، خوجامنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم.
49ئەمدى سىلەر خوجامغا ئىخلاس قىلىپ شاپائەت كۆرسىتەيلى دېسەڭلار، بۇنى ماڭا دەڭلار. ئەگەر خالىمىساڭلار، ئۇنىمۇ ماڭا ئېيتىڭلار، مەن ئوڭ تەرەپكە ياكى سول تەرەپكە بارىمەن، ــ دېدى.
50ئەمدى لابان بىلەن بېتۇئەل جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىن بولغاچ، سىلىگە يا ئۇنداق يا بۇنداق دېيەلمەيمىز.
51مانا، رىۋكاھ ئالدىلىرىدا تۇرىدۇ؛ ئۇنى ئېلىپ كەتكەيلا. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۆز خوجىلىرىنىڭ ئوغلىغا خوتۇن بولسۇن، ــ دېدى.
52ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يەرگە ئېڭىشىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
53ئاندىن، خىزمەتكار كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى چىقىرىپ، بۇلارنى رىۋكاھقا بەردى؛ ئۇ يەنە قىزنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى سۇندى.
54ئاندىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ، ئۇ ئۇلارغا: مېنى خوجامنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار، دېۋىدى،
55قىزنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قىز بىرقانچە كۈن ياكى ئون كۈن يېنىمىزدا تۇرسۇن؛ ئاندىن بارسۇن، ــ دېدى.
56ئەمما ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ سەپىرىمنى ئوڭ قىلغانىكەن، مېنى توسماڭلار؛ خوجامنىڭ قېشىغا بېرىشىم ئۈچۈن مېنى يولغا سېلىپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
57ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ قىزنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى، دەپ
58رىۋكاھنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇ ئادەم بىلەن بارامسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ باراي، دەپ جاۋاب بەردى.
59شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىڭلىسى رىۋكاھنى، ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سېلىپ قويدى.
60ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار رىۋكاھقا بەخت تىلەپ: ــ ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئانىسى بولغايسەن! نەسلىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولغاي! ــ دېدى.
61شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ بىلەن ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، تۆگىلەرگە مىنىپ، ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار رىۋكاھنى ئېلىپ يولغا چىقتى.
62ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روي دېگەن جايدىن بايىلا قايتىپ كەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ جەنۇبتىكى نەگەۋدە تۇراتتى؛
63ئىسھاق كەچقۇرۇن ئىستىقامەتكە دالاغا چىققانىدى؛ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا تۆگىلەر كېلىۋاتاتتى.
65رىۋكاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسھاقنى كۆردى؛ ئۇ دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، خىزمەتكاردىن: ــ سەھرادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. خىزمەتكار: ــ بۇ خوجامدۇر! دېدى. رىۋكاھ دەرھال چۈمبىلىنى تارتىپ يۈزىنى يېپىۋالدى.
66خىزمەتكار ئەمدى قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئىسھاققا ئېيتىپ بەردى.
67ئىسھاق قىزنى ئانىسى ساراھنىڭ چېدىرىغا باشلاپ كىردى؛ ئۇ رىۋكاھنى ئۆز ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى. ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؛ بۇ تەرىقىدە ئىسھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى.