1تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ
2ئەساۋ ئاياللىرىنى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى، يەنى ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ بىلەن ھىۋىيلاردىن بولغان زىبېئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھنى ئالدى؛
3ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتنىمۇ ئالغانىدى.
4ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى.
5ئوھولىباماھ يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغدى؛ بۇلار قانائان زېمىنىدا ئەساۋغا تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىدى.
6ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى.
7چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىر يەردە بىللە تۇرالمايتتى؛ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى باقالمايتتى.
8بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
9تۆۋەندىكىلەر تاغلىق رايون سېئىردىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ
13ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئوغلى ئېلىفاز؛ ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى رېئۇئەل. ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تېمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەناز ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغلى ئېلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئىدى؛ ئۇ ئېلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. يۇقىرىلار بولسا ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ناھات، زەراھ، شامماھ ۋە مىززاھ ئىدى؛ بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
14ئەساۋنىڭ ئايالى، يەنى زىبېئوننىڭ چوڭ قىزى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرى: ئۇ ئەساۋغا يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغۇپ بەردى.
15ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز،
16ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
17ئەساۋنىڭ ئوغلى رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر ناھات، ئەمىر زەراھ، ئەمىر شامماھ ۋە ئەمىر مىززاھلار چىققان؛ بۇلار ئېدوم زېمىنىدا رېئۇئەلنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەردۇر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
18ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يائالام ۋە ئەمىر كوراھلار چىققان. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى، ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر ئىدى.
19بۇلار ئەساۋنىڭ، يەنى ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.
21ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ ئېدوم زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىرى: ــ لوتان، شوبال، زىبېئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. بۇلار سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدوم زېمىنىدا ھورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.
22لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ھورى بىلەن ھېمام ئىدى؛ لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا ئىدى.
23شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى.
24زىبېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. بۇ ئاناھ چۆلدە ئاتىسى زىبېئوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى.
25ئاناھنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغلى دىشون؛ ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھ ئىدى.
26دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كېران ئىدى.
27ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكان ئىدى.
28دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاران ئىدى.
30ھورىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمىرلىرى: ئەمىر لوتان، ئەمىر شوبال، ئەمىر زىبېئون، ئەمىر ئاناھ، ئەمىر دىشون، ئەمىر ئېزەر ۋە ئەمىر دىشان ئىدى. بۇلار بولسا ھورىيلارنىڭ سېئىر زېمىنىدا ئۆز ناملىرى بويىچە ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.
31ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ھېچ پادىشاھ تېخى سەلتەنەت قىلماستا ئېدوم زېمىنىدا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھلار تۆۋەندىكىدەك: ــ
32بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھاباھ ئىدى.
33بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
34يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
35ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇ موئابنىڭ يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.
36ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
37ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن، «دەريانىڭ بويىدىكى رەھوبوت»تىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
38سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
39ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، ئۇ مەي-زاھابنىڭ قىزى بولغان ماترەدنىڭ قىزى ئىدى.
43ئەساۋنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئات-ئىسىملىرى، جەمەتلىرى، نەسەبنامىلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋاھ، ئەمىر يەھەت، ئەمىر ئوھولىباماھ، ئەمىر ئېلاھ، ئەمىر پىنون، ئەمىر كېناز، ئەمىر تېمان ۋە ئەمىر مىبزار، ئەمىر ماگدىيەل ۋە ئەمىر ئىراملار ئىدى. بۇلار ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئۆز ناملىرى بىلەن ئاتالغانىدى. مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى.