Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇنىڭ بىلەن ئابرام ئايالى ۋە ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ھەمدە لۇتنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قانائاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگەۋ يۇرتىغا ماڭدى.
2ئۇ چاغدا ئابرامنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬ۋاران ۋە ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشلىرى كۆپ بولۇپ، خېلىلا باي ئىدى.
3ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە، يەنى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا،
4قۇربانگاھ ياسىغان جايغا قايتىپ كەلدى. ئابرام شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى.
5ئابرام بىلەن بىللە ماڭغان لۇتنىڭمۇ قوي‫‪‎-‎‬‬كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرى بار ئىدى.
6ئەمدى ئۇلار بىللە تۇرسا، زېمىن ئۇلارنى قامدىيالمايتتى؛
7بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى).  
8شۇڭا ئابرام لۇتقا‫‪:‬‬ ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىش پەيدا بولمىسۇن.
9مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى.
10ئۇ ۋاقىتتا لۇت نەزەر سېلىپ كۆردىكى، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بارلىق تۈزلەڭلىكنىڭ زوئار شەھىرىگىچە ھەممىلا يەرنىڭ سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى؛ پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گوموررانى ۋەيران قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر بەئەينى پەرۋەردىگارنىڭ بېغى، مىسىر زېمىنىدەك ئىدى.
11شۇنىڭ بىلەن لۇت ئۆزىگە ئىئوردان ۋادىسىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى تاللىۋالدى؛ ئاندىن لۇت مەشرىق تەرەپكە كۆچۈپ باردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئايرىلدى.
12ئابرام قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى؛ لۇت بولسا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىسىدا تۇردى؛ ئۇ بارا‫‪‎-‎‬‬بارا چېدىرلىرىنى سودوم شەھىرى تەرەپكە يۆتكىدى.
13سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.
14لۇت ئابرامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا‫‪:‬‬ ــ سەن ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن شىمال ۋە جەنۇبقا، مەشرىق ۋە مەغرىپ تەرەپكە قارىغىن؛
15چۈنكى سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ۋە نەسلىڭگە مەڭگۈلۈك بېرىمەن.  
16سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى توپىدەك كۆپ قىلىمەن؛ شۇنداقكى، ئەگەر بىرسى يەردىكى توپىنى ساناپ چىقالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىمۇ ساناپ چىقالىشى مۇمكىن بولىدۇ.
17ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.
18شۇڭا ئابرام چېدىرلىرىنى يۆتكەپ، ھېبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىدى.