1پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىدا ئىبراھىمغا كۆرۈندى؛ بۇ كۈن ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇراتتى.
2ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن قوپۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ:
3-- ئى رەببىم، ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنىمەنكى، قۇللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەيلا؛
4ئازغىنا سۇ كەلتۈرۈلسۇن، سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ دەرەخنىڭ تېگىدە ئارام ئېلىۋېلىڭلار.
5سىلەر ئۆز قۇلۇڭلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىكەنسىلەر، مەن بىر چىشلەم نان ئېلىپ چىقاي، سىلەر ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىپ، ئاندىن ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر، دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن، دېۋىدى،
6ئىبراھىم چېدىرىغا ساراھنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۈچ داس ئېسىل ئۇندىن تېز خېمىر يۇغۇرۇپ توقاچ ئەتكىن، ــ دېدى.
7ئاندىن ئىبراھىم كالا پادىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۇمران ئوبدان بىر موزاينى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى؛ ئۇ بۇنى تېزلا تەييار قىلدى.
9ئاندىن ئىبراھىم سېرىق ماي، سۈت ۋە تەييارلاتقان موزاينى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇتۇپ، ئۆزى دەرەخنىڭ تېگىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ ئۇلار ئۇلاردىن يېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: ئايالىڭ ساراھ نەدە، دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، چېدىردا، دېدى.
10بىرسى: ــ مەن كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قېشىڭغا جەزمەن قايتىپ كېلىمەن، ۋە مانا ئۇ ۋاقىتتا ئايالىڭ ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. ساراھ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، بۇلارنى ئاڭلاۋاتاتتى.
11ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئىككىسى ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى؛ ساراھتا ئايال كىشىلەردە بولىدىغان ئادەت كۆرۈش توختاپ قالغانىدى.
12شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: ــ مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا لەززەت كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا؟ ــ دەپ خىيال قىلدى.
13پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: ــ ساراھنىڭ: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا بالا تۇغارمەنمۇ؟» دەپ كۈلگىنى نېمىسى؟
14پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى.
15ئەمما ساراھ قورقۇپ كېتىپ: ــ كۈلمىدىم، دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن ئۇ: ــ ياق، سەن كۈلدۈڭ، ــ دېدى.
16ئاندىن بۇ زاتلار ئۇ يەردىن قوپۇپ، سودوم تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى.
17پەرۋەردىگار: ــ مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولامدۇ؟
18چۈنكى ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر ئەل چىقىدۇ ۋە شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-مىللەتلەر ئۇ ئارقىلىق بەخت-بەرىكەتكە مۇيەسسەر بولىدىغان تۇرسا؟
19چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ــ دېدى.
20ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن،
21مەن ھازىرلا چۈشىمەن، قىلمىشلىرى راستتىنلا شۇ داد-پەريادلاردىن ماڭا مەلۇم بولغاندەك شۇنچە رەزىلمۇ، بىلىپ باقاي؛ ئۇنچە رەزىل بولمىغاندىمۇ، مەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك».
22شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يول ئالدى. لېكىن ئىبراھىم يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى.
23ئىبراھىم يېقىن بېرىپ: ــ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟
24شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولۇشى مۇمكىن؛ سەن راستتىنلا شۇ جاينى ھالاك قىلامسەن، ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن ئۇ جاينى كەچۈرۈم قىلمامسەن؟
25ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى.
26پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر مەن سودوم شەھىرىدە ئەللىك ھەققانىينى تاپسام، ئۇلار ئۈچۈن پۈتكۈل جاينى ئاياپ قالىمەن، ــ دېدى.
27ئاندىن ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن پەقەت توپا بىلەن كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى يەنە پېتىنالىدىم.
28مۇبادا شۇ ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل شەھەرنى يوقىتامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن شۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى يوقاتمايمەن، دېدى.
29ئىبراھىم ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ شۇ يەردە قىرىق كىشىلا تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، پەرۋەردىگار: ــ بۇ قىرىقى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
30ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ئى ئىگەم، خاپا بولمىغايسەن، مەن يەنە سۆز قىلاي. شۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلىشى مۇمكىن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
31ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ــ مانا ئەمدى مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى جۈرئەت قىلدىم؛ شۇ يەردە يىگىرمىسى تېپىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى. پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: بۇ يىگىرمىسى ئۈچۈن ئۇ يەرنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
32ئۇ سۆزلەپ: ــ ئى ئىگەم، خاپا بولمىغاي، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سۆز قىلاي! شۇ يەردە ئونى تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
33پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كەتتى؛ ئىبراھىممۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى.