Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 34

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بىر كۈنى، لېياھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن قىزى دىناھ يۇرتنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى.
2شۇ يۇرتنىڭ ئەمىرى ھىۋىي ھامورنىڭ ئوغلى شەكەم ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، زورلاپ نومۇسىغا تەگدى.
3ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى ياقۇپنىڭ قىزى دىناھقا چۈشۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈل سورىدى.
4شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاتىسى ھاموردىن‫‪:‬‬ ــ بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگىن، دەپ تەلەپ قىلدى.
5ياقۇپ شەكەمنىڭ قىزى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ماللىرى بىلەن دالالاردا ئىدى؛ شۇڭا ياقۇپ ئۇلار كەلگۈچە جىم تۇرۇپ تۇردى.
6شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى چىقتى؛
7ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى خەۋەرنى ئاڭلاپلا دالالاردىن قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلار شەكەمنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ، ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ ئىسرائىل قەبىلىسىدە شەرمەندىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئازابلىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى.
8ھامور ئۇلارغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئوغلۇم شەكەمنىڭ كۆڭلى قىزىڭلارغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلار!
9بىز بىلەن قۇدا‫‪‎-‎‬‬باجا بولۇپ، قىزلىرىڭلارنى بىزگە بېرىڭلار، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىمۇ سىلەر ئېلىڭلار؛
10بىز بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. مانا، يەر ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ؛ بۇ يەرنى ماكان قىلىپ، سودا قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆي‫‪‎-‎‬‬مۈلۈك ئېلىڭلار، ــ دېدى.
11شەكەم قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىلىرىغا‫‪:‬‬ ــ نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپسام دەيمەن؛ سىلەر نېمە دېسەڭلار، شۇنى بېرەي.
12مەندىن قانچىلىك تويلۇق ياكى سوۋغات تەلەپ قىلساڭلار، ماڭا ئېيتقىنىڭلارچە بېرەي؛ پەقەت بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلارلا بولىدۇ، دېدى.
13ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شەكەم ۋە ئاتىسى ھامورغا ھىيلە‫‪‎-‎‬‬مىكىر بىلەن جاۋاب بەردى، چۈنكى ئۇ سىڭلىسى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنىدى؛
14ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بىز بۇنداق قىلالمايمىز، سىڭلىمىزنى خەتنىسىز بىرسىگە بېرىشكە ماقۇل دېيەلمەيمىز؛ چۈنكى بۇ بىزگە نومۇس بولىدۇ.
15پەقەت بىر شەرتىمىزگە كۆنسەڭلارلا سىلەرگە ماقۇل بولىمىز؛ سىلەرنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭلار خەتنە قىلىنىپ بىزدەك بولسا،
16قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىپ، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئېلىپ ئاراڭلاردا ئولتۇرۇپ، بىر قوۋم بولۇپ قالىمىز.
17ئەمما بىزگە قۇلاق سالماي خەتنە قىلىنىشقا ئۇنىمىساڭلار، ئۇنداقتا بىز قىزىمىزنى ئېلىپ كېتىمىز، ــ دېدى.
18ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ نەزىرىگە ياقتى.

19يىگىت بۇ ئىشنى كەينىگە سوزمىدى، چۈنكى ئۇ ياقۇپنىڭ قىزىغا ئېجىل بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ھەممىدىن ئەتىۋارلىق ئىدى.
20شۇنىڭ بىلەن ھامور ئوغلى شەكەم بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ ــ
21بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن ئىناق ئۆتكۈسى بار. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ سودا‫‪‎-‎‬‬سېتىق قىلسۇن؛ مانا، بۇ جاينىڭ ئىككى تەرىپى ئۇلارغا يەتكۈدەك كەڭرىدۇر. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆز قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا بېرىمىز.
22لېكىن پەقەت ئارىمىزدىكى ھەممە ئەركەك ئۇلار خەتنە قىلىنغاندەك خەتنە قىلىنسا، ئۇ ئادەملەر ئارىمىزدا تۇرۇپ بىز بىلەن بىر خەلق بولۇشقا ماقۇل دەيدۇ.
23شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬تەئەللۇقاتى، ھەممە چارپايلىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارغا ماقۇل دېسەكلا، ئۇلار ئارىمىزدا تۇرىدۇ، ــ دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ‫‪‎-‎‬‬چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ‫‪‎-‎‬‬چىقادىغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىندى.
25ئەمما ئۈچىنچى كۈنى، ئۇلار تېخىچە ئاغرىق ياتقىنىدا شۇنداق بولدىكى، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىناھنىڭ ئاكىلىرى شىمېئون بىلەن لاۋىي ھەرقايسىسى ئۆز قىلىچىنى ئېلىپ، شەھەر خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرغىنىدا بېسىپ كىرىپ، ھەممە ئەركەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛  
26ئۇلار ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ قىلىچلاپ، دىناھنى شەكەمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى.
27ئاندىن ياقۇپنىڭ بارلىق ئوغۇللىرى‫‪:‬‬ «ئۇلار سىڭلىمىزنىڭ نومۇسىغا تەگدى» دەپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جايىغا كېلىپ، شەھەرنى بۇلاپ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلدى.
28ئۇلارنىڭ قوي‫‪‎-‎‬‬كالا، ئېشەكلىرىنى، شەھەردىكى ھەممىنى، ئېتىزلىقلاردىكى ھەممىنى ئېلىپ كەتتى،
29شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىنى بۇلاپ‫‪‎-‎‬‬تالاپ، بارلىق خوتۇن‫‪‎-‎‬‬بالىلارنى ئەسىر قىلىپ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتتى.
30ياقۇپ شىمېئون ۋە لاۋىينى ئەيىبلەپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر مېنى بالاغا تىقىپ، زېمىندىكىلەر ــ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنىڭ ئالدىدا سېسىتتىڭلار. بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز بىر خەلقتۇرمىز؛ ئۇلار ماڭا قارشى چىقىپ يىغىلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە جەمەتىم ۋەيران بولىمىز، ــ دېدى.
31ئەمما ئۇلار جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئەجەبا، سىڭلىمىزغا بىر پاھىشە ئايالغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟ ــ دېدى.