Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئىبراھىم ئۇ يەردىن چىقىپ، جەنۇب تەرەپتىكى نەگەۋگە كۆچۈپ كېلىپ، قادەش بىلەن شۇرنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالدى؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن گەراردا ئولتۇراقلاشتى.
2شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ توغرىسىدا‫‪:‬‬ «ئۇ مېنىڭ سىڭلىمدۇر»، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ئادەم ئەۋەتىپ، ساراھنى ئۆزىگە خوتۇن بولۇشقا ئېلىۋالدى.
3لېكىن بىر كۈنى كېچىسى چۈشىدە خۇدا ئابىمەلەكگە كېلىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا، سەن ئۆزۈڭگە ئېلىۋالغان ئايال سەۋەبىدىن ئەمدى ئۆلگەن ئادەمدۇرسەن؛ چۈنكى ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر ــ دېدى.
4ئەمما ئابىمەلەك ئۇنىڭغا تېخى يېقىنچىلىق قىلمىغانىدى. ئۇ خۇداغا‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، ھەققانىي بىر خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟
5ئۇ ئۆزىمۇ ماڭا‫‪:‬‬ «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئېيتمىدىمۇ؟ يەنە كېلىپ، بۇ ئايالمۇ «ئۇ مېنىڭ ئاكام»، دەپ ئېيتقانىدى. مەن بولسام ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، ــ دېدى.
6خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا يەنە‫‪:‬‬ ــ بۇ ئىشنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن؛ شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى ئالدىمدا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە قويمىدىم.
7ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر؛ چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر، ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن تىرىك قالىسەن. ئەگەر ئۇنى ياندۇرۇپ بەرمىسەڭ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قوشۇلۇپ جەزمەن ئۆلىسىلەر، ــ دېدى.
8ئابىمەلەك ئەتىگەن تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا سالدى؛ بۇ ئادەملەر ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى.
9ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى.
10ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە‫‪:‬‬ ــ سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ ــ دېدى.
11ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ «بۇ يەردە شۈبھىسىزكى ھېچكىم خۇدادىن قورقمايدىكەن، ئۇلار مېنى ئايالىم تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئويلىغانىدىم.
12ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم؛ كېيىن ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولدى.
13لېكىن خۇدا مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىپ سەرگەردانلىققا يۈرگۈزگىنىدە، مەن ئايالىمغا‫‪:‬‬ ــ بىز قەيەرگىلا بارساق، سەن ماڭا شۇنداق شاپائەت كۆرسەتكەيسەنكى، مېنىڭ توغرامدا‫‪:‬‬ «بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ»، دېگىن، ــ دەپ ئېيتقانىدىم ــ دېدى.
14ئاندىن ئابىمەلەك قوي‫‪‎-‎‬‬كالىلار، قۇللار ۋە دېدەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىبراھىمغا بەردى ۋە ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى.
15ئابىمەلەك‫‪:‬‬ ــ مانا مېنىڭ زېمىنىم بولسا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ كۆزۈڭگە قايسى يەر ياقسا شۇ يەردە تۇرغىن، ــ دېدى.
16ئۇ ساراھقا‫‪:‬‬ «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم؛ مانا بۇلار ئۆز يېنىڭدىكىلەر، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياتنى ياپقۇچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ‫‪‎-‎‬‬ئەيىبتىن خالاس بولىسەن».
18ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى، خۇدا ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ساقايتتى؛ ئاندىن ئۇلار يەنە بالا تۇغالايدىغان بولدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى ساراھ تۈپەيلىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە خوتۇنلارنىڭ بالىياتقۇلىرىنى ئېتىپ قويغانىدى.