1ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك ساراھنى يوقلىدى؛ پەرۋەردىگار ساراھقا دېگىنىدەك قىلدى.
2ساراھ ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىم قېرىغاندا خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتتا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
3ئىبراھىم ئۆزىگە تۆرەلگەن ئوغلى، يەنى ساراھ ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق قويدى.
4ئاندىن ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى.
5ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى.
6ساراھ: «خۇدا مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى؛ ھەركىم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا، مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشىدۇ»، دېدى.
7ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى.
8بالا چوڭ بولۇپ، ئەمچەكتىن ئايرىلدى. ئىسھاق ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى ئىبراھىم چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەردى.
9ئەمما ساراھ مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇلنىڭ ئىسھاقنى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى.
11ساراھنىڭ بۇ سۆزى ئىبراھىمغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى؛ چۈنكى ئىسمائىلمۇ ئۇنىڭ ئوغلى-دە!
12لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: ــ بالاڭ ۋە دېدىكىڭ ۋەجىدىن بۇ سۆز ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن، بەلكى ساراھنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئىسھاقتىن بولغىنى سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ.
13لېكىن دېدەكنىڭ ئوغلىدىنمۇ بىر خەلق-مىللەت پەيدا قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ نەسلىڭ، ــ دېدى.
14ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىبراھىم قوپۇپ، نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېلىپ ھەجەرگە بېرىپ، ئۆشنىسىگە يۈدكۈزۈپ، بالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر كېتىپ، بەئەر-شېبانىڭ چۆلىدە كېزىپ يۈردى.
16ئەمدى تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ كەتكەنىدى؛ ھەجەر بالىنى بىر چاتقالنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ چىدىمايمەن» دەپ، بىر ئوق ئېتىمچە يىراققا بېرىپ، ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى.
17خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ھەجەر، ساڭا نېمە بولدى؟ قورقمىغىن؛ چۈنكى خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ياتقان يېرىدىن ئاڭلىدى.
18ئەمدى قوپۇپ، قولۇڭ بىلەن بالىنى يۆلەپ تۇرغۇز؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر ئەل-مىللەت قىلىمەن، ــ دېدى.
19شۇئان خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، ئۇ بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ بېرىپ تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، ئوغۇلغا ئىچكۈزدى.
20خۇدا ئۇ بالا بىلەن بىللە بولدى؛ ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، مەرگەن بولۇپ يېتىشتى.
21ئۇ پاران چۆلىدە تۇردى؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىر زېمىنىدىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.
22ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول كېلىپ ئىبراھىمغا: ــ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا، خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر.
23ئەمدى سەن دەل مۇشۇ يەردە ماڭا، ئوغلۇمغا ۋە نەۋرەمگە خىيانەت قىلماسلىققا خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلىپ بەرگەيسەن؛ مەن ساڭا كۆرسىتىپ كەلگەن مېھرىبانلىقىمدەك، سەنمۇ ماڭا ۋە سەن ھازىر تۇرۇۋاتقان يۇرتقا مېھرىبانلىق قىلغايسەن، ــ دېدى.
24ئىبراھىم: قەسەم قىلىپ بېرەي، دېدى.
25ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەكنى ئەيىبلىدى.
26ئابىمەلەك: ــ بۇ ئىشنى قىلغان كىشىنى بىلمەيمەن؛ سەن بۇ ئىشنى ماڭىمۇ ئېيتماپسەن؛ مەن بۇ ئىشنى پەقەت بۈگۈنلا ئاڭلىشىم، ــ دېدى.
27ئىبراھىم قوي-كالا ئېلىپ ئابىمەلەككە تەقدىم قىلدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىككىلىسى ئەھدە قىلىشتى.
28ئىبراھىم يەنە پادىدىن يەتتە چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى.
29ئابىمەلەك ئىبراھىمدىن: ــ سەن بىر تەرەپكە ئايرىپ قويغان بۇ يەتتە چىشى قوزىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى،
30ئۇ: ــ مېنىڭ بۇ قۇدۇقنى كولىغىنىمنى ئېتىراپ قىلغىنىڭغا گۇۋاھلىق سۈپىتىدە بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
31بۇ ئىككىسى شۇ يەردە قەسەم قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ جاينى «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىدى.
32شۇ تەرىقىدە ئۇلار بەئەر-شېبادا ئەھدە قىلىشتى. ئاندىن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول قوزغىلىپ، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كەتتى.
33ئىبراھىم بەئەر-شېبادا بىر تۈپ يۇلغۇننى تىكىپ، ئۇ يەردە ئەبەدىي تەڭرى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى.
34ئىبراھىم فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قالدى.