Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئىككى پەرىشتە كەچتە سودومغا يېتىپ كەلدى؛ شۇ چاغدا لۇت سودومنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىقىپ يۈزى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ‫‪:‬‬
2‫‪‎-‎‎-‎‬‬ مانا، ئەي خوجىلىرىم، كەمىنىلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ قونۇپ قالغايسىلەر؛ ئاندىن ئەتە سەھەر قوپۇپ يولغا چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، دېۋىدى، بۇلار جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ياق، بىز شەھەر مەيدانىدا كەچلەيمىز، ــ دېدى.
3ئەمما ئۇ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇۋىدى، ئاخىر ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ ئۆيىگە كىردى. ئۇ ئۇلارغا داستىخان سېلىپ، پېتىر توقاچلارنى پىشۇرۇپ بەردى، ئۇلار غىزالاندى.
4ئۇلار تېخى ياتمىغانىدى، شەھەردىكىلەر، يەنى سودومنىڭ ئەركەكلىرى، ياش، قېرى ھەممىسى ھەرقايسى مەھەللىلەردىن كېلىپ ئۆينى قورشىۋالدى؛
5ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۈگۈن كەچتە سېنىڭكىگە كىرگەن ئادەملەر قېنى؟ ئۇلارنى بىزگە چىقىرىپ بەر، بىز ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى.
6لۇت دەرۋازىنىڭ ئالدىغا، ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ،
7ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئەي بۇرادەرلىرىم، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار!
8مانا، تېخى ھېچ ئەر بىلەن بىللە بولمىغان ئىككى قىزىم بار؛ ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي. ئۇلار بىلەن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئەمما بۇ ئادەملەر ئۆگزەمنىڭ سايىسى ئاستىغا كىرگەنىكەن، سىلەر ئۇلارنى ھېچنېمە قىلماڭلار! ــ دېدى.
9لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ «نېرى تۇر!» دېگىنىچە، يەنە‫‪:‬‬ ــ بۇ يەردە تۇرۇشقا كەلگەن بۇ مۇساپىر ھاكىم بولماقچىمىكەن؟ ئەمدى ساڭا ئۇلارغا قىلغاندىنمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىمىز! ــ دەپ لۇتنى قىستاپ، ئىشىكنى چېقىشقا باستۇرۇپ كەلدى.
10ئەمما ئۇ ئىككى كىشى قوللىرىنى ئۇزىتىپ لۇتنى ئۆيگە ئۆز قېشىغا تارتىپ ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى
11ۋە ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە كورلۇققا مۇپتىلا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرۋازىنى ئىزدەپ، ھالىدىن كەتتى.
12ئاندىن ئىككەيلەن لۇتقا‫‪:‬‬ ــ مۇشۇ يەردە يەنە بىرەر كىمىڭ بارمۇ؟ كۈيئوغۇل، ئوغۇل ياكى قىزلىرىڭ ۋە ياكى شەھەردە باشقا ئادەملىرىڭ بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن!
13چۈنكى بىز بۇ يەرنى يوقىتىمىز؛ چۈنكى ئۇلار توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد‫‪‎-‎‬‬پەرياد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ، پەرۋەردىگار بىزنى ئۇنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى، ــ دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنى ئالىدىغان بولغۇسى كۈيئوغۇللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ‫‪:‬‬ «ئەمدى قوپۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى يوقىتىدۇ» ــ دېدى. ئەمما ئۇ بولغۇسى كۈيئوغۇللىرىنىڭ نەزىرىگە چاقچاق قىلغاندەك كۆرۈندى.
15تاڭ ئاتقاندا، پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ‫‪:‬‬ ــ ئەمدى قوپۇپ ئايالىڭ بىلەن قېشىڭدىكى ئىككى قىزىڭنى ئالغىن؛ بولمىسا شەھەرنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ، ھالاك بولىسەن، ــ دېدى.
16ئەمما ئۇ تېخىچە ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىككىيلەن لۇتنىڭ قولىنى، ئايالىنىڭ قولىنى ۋە ئىككى قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئەچىقىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.
17ئۇلارنى چىقارغاندىن كېيىن شۇ ئىش بولدىكى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ جېنىڭنى ئېلىپ قاچ، ھالاك بولماسلىقىڭ ئۈچۈن كەينىڭگە قارىماي، تۈزلەڭلىكتىكى ھېچ يەردە توختىماي، تاغقا قاچقىن! ــ دېدى.
18لېكىن لۇت ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولمىغاي، ئەي خوجام، ئۆتۈنۈپ قالاي!

19مانا، كەمىنەڭ كۆزۈڭدە ئىلتىپات تاپتى، جېنىمنى قۇتقۇزدۇڭ، ماڭا زور مەرھەمەت كۆرسەتتىڭ؛ ئەمما مەن تاغقا قاچالمايمەن؛ ئۇنداق قىلسام، ماڭا بىرەر ئاپەت چۈشۈپ، ئۆلۈپ كېتەرمەنمىكىن.
20قارا، ئاۋۇ شەھەرگە قېچىپ بارسا بولغۇدەك ناھايىتى يېقىن ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك شەھەر ئىكەن! ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ شۇ يەرگە قېچىشىمغا يول قويغايسەن! ئۇ كىچىك شەھەر ئەمەسمۇ؟! جېنىم شۇ يەردە ئامان قالىدۇ! ــ دېدى.
21پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ خەير، بۇ ئىشتىمۇ ساڭا ماقۇل بولاي، سەن ئېيتقان شۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماي.
22ئەمدى ئۇ يەرگە تېزدىن قېچىپ بارغىن؛ چۈنكى سەن شۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە ھېچ ئىش قىلالماسمەن، ــ دېدى. شۇڭا ئۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «زوئار» دەپ ئاتالغان.
23لۇت زوئارغا يېتىپ بارغاندا كۈن نۇرى يەر يۈزىگە چېچىلغانىدى.
24شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەرشتىن، ئۆز يېنىدىن سودوم بىلەن گوموررانىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ۋە ئوت ياغدۇرۇپ،
25شۇ شەھەرلەرنى، پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى ھەمدە شەھەرلەردىكى بارلىق ئاھالىلەر ۋە يەردىن ئۈنگەنلەرنى قوشۇپ بەربات قىلدى.
26لېكىن لۇتنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان ئايالى كەينىگە قارىۋىدى، تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالدى.
27ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم قوپۇپ ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جايغا چىقىپ،
28سودوم بىلەن گوموررا تەرەپكە، شۇنداقلا تۈزلەڭلىكنىڭ ھەممە يېرىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، يەر يۈزىدىن خۇمداننىڭ تۈتۈنىدەك تۈتۈن ئۆرلەۋاتقىنىنى كۆردى.
29ئەمما شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئۇ تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغاندا، ئۇ ئىبراھىمنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇت تۇرغان شەھەرلەرنى بەربات قىلغاندا ئۇنى بالايىئاپەتنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قۇتقۇزدى.
30ئەمما لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورققاچقا، زوئاردىن كېتىپ، تاغقا چىقىپ، ئىككى قىزى بىلەن شۇ يەردە ماكانلاشتى. ئۇ ئىككى قىزى بىلەن بىر ئۆڭكۈردە تۇردى.
31ئەمدى چوڭ قىز كىچىكىگە‫‪:‬‬ ــ ئاتىمىز بولسا قېرىپ كەتتى؛ دۇنيانىڭ قائىدە‫‪‎-‎‬‬يوسۇنى بويىچە بۇ يۇرتتا بىزگە يېقىنچىلىق قىلىدىغان ھېچ ئەر كىشى قالمىدى.
32قېنى، ئاتىمىزنى شاراب بىلەن مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتايلى؛ شۇنداق قىلساق، بىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ ئۇرۇقىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى.
33شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ مەست قىلىپ قويۇپ، چوڭ قىزى كىرىپ ئاتىسى بىلەن ياتتى. لېكىن لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى.
34ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، چوڭى كىچىكىگە‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن ئاخشام ئاتام بىلەن ياتتىم؛ بۈگۈن كەچتىمۇ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ئىچكۈزەيلى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتقىن؛ شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىمىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ نەسلىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى.
35شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ مەست قىلىپ قويۇپ، كىچىك قىزى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ئەمما لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى.
36شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ ئىككىلا قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى.

37چوڭى بولسا ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى موئاب قويدى؛ ئۇ بۈگۈنكى موئابىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر.
38كىچىكىمۇ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى بەن‫‪‎-‎‬‬ئاممى قويدى. ئۇ بۈگۈنكى ئاممونىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر.