1ياقۇپ بولسا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە، يەنى قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى.
2تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. يۈسۈپ يىگىت بولۇپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ئاكىلىرى بىلەن بىللە قويلارنى باقاتتى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىشلەيتتى. يۈسۈپ ئاتىسىغا ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى.
3يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى بولغاچقا، ئۇنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپكە ئۇزۇن يەڭلىك تون تىكتۈرۈپ بەردى.
4ئەمما ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ياخشى كۆرىدىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغانىدى ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلماتتى.
5ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ بىر چۈش كۆرگەن بولۇپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا دەپ بېرىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.
6يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ كۆرگەن شۇ چۈشۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.
7مانا، بىز ھەممىمىز ئېتىزلاردا ئاشلىقلارنى باغلاۋاتقۇدەكمىز. قارىسام مېنىڭ ئۆنچەم ئۆرە تۇرۇپتىدەك؛ سىلەرنىڭ ئۆنچەڭلار بولسا مېنىڭ ئۆنچەمنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى.
8ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولامسەن؟ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ۋە گېپىدىن ئاكىلىرى ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى.
9كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا دەپ: ــ مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، قۇياش بىلەن ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى.
10ئۇ بۇ چۈشنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ: ــ بۇ كۆرگىنىڭ زادى قانداق چۈش؟ ئەجەبا، مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا بېرىپ، ساڭا يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. ئەمما ئاتىسى شۇ گەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.
12ئەمدى يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى شەكەمگە كەتكەنىدى.
13ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدىغۇ؟ كەل، مەن سېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتەي، دېۋىدى، يۈسۈپ: ــ مانا مەن، دېدى.
14ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى بېرىپ ئاكىلىرىڭ ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، قويلار ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، ماڭا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگىن، دەپ ئۇنى ھېبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى؛ ئۇ شەكەمگە باردى.
15شۇ يەردە بىرسى ئۇنىڭ دالادا تېنەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ نېمە ئىزدەۋاتىسەن، دەپ سورىدى.
16ئۇ: ــ مەن ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پادىلىرىنى قەيەردە بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، دېدى.
17ئۇ ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ قالدى، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ: «يۈرۈڭلار، دوتانغا بارايلى» دېگىنىنى ئاڭلىدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى.
18ئۇلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ تېخى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلمەيلا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى مەسلىھەتلەشتى.
19ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ مانا ھېلىقى چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ.
20كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇشۇ يەردىكى ئورەكلەردىن بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ــ ۋەھشىي بىر ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. شۇندا، بىز ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ نېمە بولىدىغىنىنى كۆرىمىز! ــ دېدى.
21ئەمما رۇبەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، دېدى.
22رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى).
24يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تونىنى، يەنى كىيىكلىك ئۇزۇن يەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئورەككە تاشلىۋەتتى. لېكىن ئورەك قۇرۇق بولۇپ، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى.
25ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى.
26يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: ــ بىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
27كېلىڭلار، ئۇنى ئىسمائىللارغا سېتىۋېتەيلى؛ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ئىنىمىز، بىر تۇغقان قېرىندىشىمىز؛ شۇڭا ئۇنىڭغا قول سالمايلى، دېۋىدى، قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قۇلاق سالدى.
28مىدىيانلىق سودىگەرلەر شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يۈسۈپنى ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. بۇلار بولسا يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
29رۇبەن ئورەكنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، يۈسۈپنىڭ ئورەكتە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ،
30ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى.
31ئەمما ئۇلار يۈسۈپنىڭ تونىنى ئېلىپ، بىر تېكىنى بوغۇزلاپ توننى ئۇنىڭ قېنىغا مىلەپ،
32ئاندىن ئۇزۇن يەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇنى بىز تېپىۋالدۇق؛ بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن، دېدى.
33ئۇ ئۇنى تونۇپ: ــ بۇ دەرۋەقە مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن؛ بىر ۋەھشىي ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ! ــ دېدى.
34شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز باغلاپ، نۇرغۇن كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.
35ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى.
36ئەمدى مىدىيانىيلار يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، پىرەۋننىڭ بىر غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفارغا ساتتى.