Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يارىتىلىش

يارىتىلىش 33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ياقۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئەساۋ تۆت يۈز كىشى بىلەن كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرىنى ئايرىپ، لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى دېدەككە تاپشۇردى؛
2ئۇ ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى، ئاندىن لېياھ بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرىنى، ئەڭ ئاخىرىدا راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى.
3ئۆزى بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭدى، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغۇچە يەتتە قېتىم يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى.
4ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ، بوينىغا گىرە سېلىپ، ئۇنى سۆيدى؛ ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كەتتى.
5ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ‫‪:‬‬ ــ بۇ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىملەر؟ ــ دەپ سورىدى. ياقۇپ‫‪:‬‬ ــ بۇلار خۇدا شاپائەت قىلىپ كەمىنىلىرىگە بەرگەن بالىلاردۇر، ــ دېدى.
6ئاندىن ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى؛
7ئاندىن لېياھمۇ ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى، ئاخىرىدا يۈسۈپ بىلەن راھىلە ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى.
8ئەساۋ‫‪:‬‬ ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى.
9لېكىن ئەساۋ‫‪:‬‬ ــ ئەي قېرىندىشىم، مەندە يېتىپ ئاشقۇدەك بار. سېنىڭ ئۆز نەرسىلىرىڭ ئۆزۈڭگە قالسۇن، دېدى.
10ئەمما ياقۇپ‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق قىلمىغىن؛ ئەگەر مەن نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سوۋغىتىمنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى سىلىنىڭ مېنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم!
11ئەمدى ساڭا كەلتۈرۈلگەن، خۇدادىن كۆرگەن بۇ بەرىكەتلىرىمنى قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى خۇدا ماڭا شاپائەت كۆرسەتتى، ھەممە نەرسىلىرىم بار بولدى، ــ دەپ ئۇنىڭدىن قايتا‫‪‎-‎‬‬قايتا ئۆتۈنۈۋىدى، ئۇ قوبۇل قىلدى.
12ئاندىن ئەساۋ‫‪:‬‬ ــ ئەمدى بىز قوزغىلىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭاي، دېدى.
13ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ خوجام كۆردىلە، بالىلار كىچىك، قېشىمدا ئېمىدىغان قوزا ۋە موزايلار بار؛ ئەگەر مەن بۇلارنى بىر كۈنلا ئالدىرتىپ قوغلاپ ماڭدۇرسام، پۈتكۈل پادا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
14شۇڭا ئۆتۈنىمەنكى، خوجام كەمىنىلىرىدىن ئالدىدا ماڭغاچ تۇرسۇن؛ مەن ئالدىمدىكى مال‫‪‎-‎‬‬چارۋىلارنىڭ مېڭىشىغا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ مېڭىشىغا قاراپ ئاستا مېڭىپ، خوجامنىڭ قېشىغا سېئىرغا ئۇدۇل باراي، دېدى.
15ئۇ ۋاقىتتا ئەساۋ‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قويۇپ كېتەي، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ پەقەت خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپساملا شۇ كۇپايە، دېدى.
16ئەساۋ ئۇ كۈنى يولغا چىقىپ سېئىرغا يېنىپ كەتتى.
17ياقۇپ سەپەر قىلىپ، سۇككوت دېگەن جايغا كەلگەندە، ئۇ يەرگە بىر ئۆي سېلىپ، ماللىرىغا لاپاسلارنى ياسىدى. شۇڭا بۇ يەر «سۇككوت» دەپ ئاتالدى.
18شۇ تەرىقىدە ياقۇپ پادان‫‪‎-‎‬‬ئارامدىن قايتىپ، قانائان زېمىنىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن كەلدى. ئۇ شەھەرنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى.

19ئاندىن ئۇ چېدىر تىككەن يەرنىڭ بىر قىسىمىنى شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىر يۈز قەسىتىگە سېتىۋېلىپ،
20شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ سېلىپ، نامىنى «ئەل‫‪‎-‎‬‬ئەلوھە‫‪‎-‎‬‬ئىسرائىل» دەپ ئاتىدى.