Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 2

زەبۇر 2:1-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟  
2دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ‫‪:‬‬ ــ
3«ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ.
4ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛
5ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ، قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ‫‪:‬‬ ــ
6«ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا، ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم».
7«مەن ئەرشتىكى پەرماننى جاكارلايمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا‫‪:‬‬ ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛ ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛
8مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى، تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت‫‪‎-‎‬‬چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛
9سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛ ساپال چىنىنى كۇكۇم‫‪‎-‎‬‬تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى».  
10ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار! جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛
11پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛ تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!
12ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سۆيۈڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا، يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛ ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!  

Read زەبۇر 2زەبۇر 2
Compare زەبۇر 2:1-12زەبۇر 2:1-12