Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇنۇس

يۇنۇس 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى‫‪:‬‬ —
2«مەن دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ.  
3چۈنكى سەن مېنى دېڭىز تەكتىگە، دېڭىز قارنىغا تاشلىۋەتتىڭ، كەلكۈن ئېقىنلىرى مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى، سېنىڭ بارلىق دولقۇنلىرىڭ ھەم ئۆركەشلىرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛
4ۋە مەن‫‪:‬‬ «مەن نەزىرىڭدىن تاشلىۋېتىلگەنمەن؛ بىراق مەن يەنىلا مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن» ــ دېدىم.
5سۇلار مېنى يۇتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئورىۋالدى، دېڭىز تەكتى مېنى قاپسىۋالدى؛ دېڭىز چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى.
6مەن تاغلارنىڭ تەگلىرىگىچە چۈشۈپ كەتتىم؛ يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن تېگىدىكى تاقاقلار مېنى ئەبەدىلئەبەدكىچە قاماپ قويدى؛ ھالبۇكى، سەن جېنىمنى ھاڭ ئىچىدىن چىقاردىڭ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم.
7جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم، دۇئايىم ساڭا يېتىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى.
8بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ.
9بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛ مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن. نىجات‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!»
10پەرۋەردىگار بېلىققا بۇيرۇدى، بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قەي قىلدى.