1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا يېتىپ كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: —
2«ئورنۇڭدىن تۇر، دەرھال نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ ئۇ يەردىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى مېنىڭ كۆزۈمگە قادىلىپ تۇرىدۇ».
3بىراق يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىش دېگەن يۇرتقا كەتمەكچى بولدى. شۇڭا ئۇ يوپپا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان كېمە تېپىپ، كىراسىنى تۆلەپ ئۇنىڭغا چۈشتى ۋە كېمىچىلەر بىلەن بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى.
4پەرۋەردىگار بولسا زور بىر بوراننى دېڭىزغا تاشلىدى؛ شۇڭا دېڭىزدا دەھشەتلىك قارا بوران چىقىپ، كېمە پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالدى.
5كېمىچىلەر بولسا بەك قورقۇپ كېتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىلاھلىرىغا خىتاب قىلىپ دۇئا قىلىشتى؛ ئۇلار كېمىنى يېنىكلىسۇن دەپ ئۇنىڭدىكى يۈك-تاقلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. بىراق يۇنۇس بولسا، كېمىنىڭ ئاستى قەۋىتىگە چۈشۈۋېلىپ، شۇ يەردە ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقانىدى.
6كېمە باشلىقى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «ئەي، ئۇخلاۋاتقان كىشى، بۇ قانداق قىلىغىنىڭ؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭنى سېغىنىپ نىدا قىل! كىم بىلىدۇ، ئىلاھىڭنىڭ نەزىرى چۈشۈپ بىزنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالامدۇ تېخى؟» ــ دېدى.
7ئۇلار بىر-بىرىگە: — كېلىڭلار، بۇ كۈلپەتنىڭ كىمنىڭ ۋەجىدىن بېشىمىزغا چۈشكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن چەك تاشلايلى، — دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار چەك تاشلاشتى؛ ئاخىردا چەكتە يۇنۇس چىقىپ قالدى.
8ئۇلار ئۇنىڭدىن: — قېنى، ئېيت، بېشىمىزغا چۈشكەن بۇ كۈلپەت كىمنىڭ سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ؟ سېنىڭ تىرىكچىلىكىڭ نېمە؟ نەدىن كەلدىڭ؟ قايسى ئەل، قايسى مىللەتتىن سەن؟ — دەپ سورىدى.
9ئۇ ئۇلارغا: — مەن بولسام ئىبرانىي مىللىتىدىن، ئەرشلەردىكى خۇدادىن، يەنى دېڭىزنى، يەر-زېمىننى ياراتقان پەرۋەردىگاردىن قورققۇچىمەن، دېدى.
10بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قورقۇتىۋەتتى. ئۇلار: «سەن زادى نېمە ئىش قىلغان؟» — دەپ سورىدى چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن قاچقانلىقىنى بىلگەنىدى، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانىدى.
11ئۇلار ئۇنىڭدىن: — ئەمدى بىز سېنى قانداق قىلساق دېڭىز بىز ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؟ — دەپ سورىدى؛ چۈنكى دېڭىز دولقۇنى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.
12ئۇ ئۇلارغا: — مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار، شۇ چاغدا دېڭىز سىلەر ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؛ چۈنكى بىلىمەنكى، بۇ زور بوران مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەرگە چۈشتى، — دېدى.
13بىراق بۇ ئادەملەر كۈچەپ پالاق ئۇرۇپ قىرغاققا يېتىشكە تىرىشتى؛ ئەمما يېتەلمىدى، چۈنكى دېڭىز قېرىشقاندەك تېخىمۇ دولقۇنلاپ كېتىۋاتاتتى.
14ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ پەرياد كۆتۈرۈپ: — ئاھ پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىمىزنى بىزدىن كۆرمىگەيسەن! بىگۇناھ بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىڭ گۇناھىنى ئۈستىمىزگە قويمىغايسەن! چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ئۆزۈڭنىڭ خالىغىنىڭنى قىلدىڭ! — دەپ نىدا قىلدى.
15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ دېڭىز دولقۇنلىنىشتىن شۇئان توختىدى.
16شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ قەسەم ئىچىشتى.
17بىراق پەرۋەردىگار يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا يوغان بىر بېلىقنى ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بولسا بۇ بېلىقنىڭ قارنىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.