Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇنۇس

يۇنۇس 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم يۇنۇسقا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬
2«ئورنىڭدىن تۇر، نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان خەۋەرنى ئۇلارغا جاكارلا».
3يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە نىنەۋە شەھىرىگە باردى. نىنەۋە بولسا ناھايىتى بۈيۈك بىر شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ ئۆزىلا ئۈچ كۈنلۈك يول ئىدى.
4يۇنۇس شەھەر ئىچىگە كىرىپ بىر كۈن ماڭدى، ئۇ‫‪:‬‬ قىرىق كۈندىن كېيىن، نىنەۋە شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ! — دەپ جاكارلىدى.
5نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى.  
6بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى.
7ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى‫‪:‬‬ ــ «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات‫‪‎-‎‬‬ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن.
8ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛
9كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟».
10شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللاردىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاراتقان بالايىقازانى چۈشۈرۈشتىن يېنىپ، شۇ بالىياقازانى چۈشۈرمىدى.